ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا ئەربابلار جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-08 09:36

كۆپ دۆلەت ئەربابلىرى جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، جۇڭگونىڭ ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى تەرتىپلىك ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم نورمال ئېشىش يولىغا قايتىپ كېلىشىدىن، دېدى.

ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۋاتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقىنى ئىزچىل قوللىغانلىقىغا، نۇرغۇن ئافرىقىلىقلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن.

ئەنگلىيە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ھۆكۈمەت ھالقىغان خەلقئارا خىزمەت گۇرۇپپىسى خەلقئارا ھەمكارلىق بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى شىمىس مۇنداق دېدى: جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا، ئەنگلىيە جۇڭگودىن ئىنتايىن مىننەتدار، جۇڭگو بىزنى نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى، شەخسىي مۇداپىئە جابدۇقلىرى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگو ئىزچىل تۈردە ئەنگلىيەنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇپ كەلدى.

نۇرغۇن دۆلەت ئالىملىرى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى، كۆپ تۈرلۈك سىياسەتلەر يولغا قويۇلدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد بار، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. ئامېرىكا ئىللىنوئىس ئىشتاتى داشۆسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پىروفېسسورى ئارمېدا مۇنداق دېدى: مەيلى ئېھتىياج ياكى تەمىنلەش نۇقتىسىدىن بولسۇن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەر شارى ئىقتىسادىدا ئىنتايىن مۇھىم. مەن دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىدە ئەگەر جۇڭگو ئىقتىسادى ئەسلىگە كەلمىسە، دۇنيانىڭ ياسىمىچىلىق تەرەققىياتى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى جۇڭگوغا موھتاج، دېگەننى ئالاھىدە تەكىتلەيمەن. بىرازىلىيە ماكېنزى داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى فرونزاگرىيە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ياخشى ئىپادىسى دۇنيا ئىقتىسادىغا پايدىلىق، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، جۇڭگو ئەڭ مۇھىم ھەمراھ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا ئەربابلار جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى

كۆپ دۆلەت ئەربابلىرى جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، جۇڭگونىڭ ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى تەرتىپلىك ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم نورمال ئېشىش يولىغا قايتىپ كېلىشىدىن، دېدى.