ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەغلۇپ بولغان ھامان، يۇقۇم تارقالغان تۇنجى يىلىلا ئافرىقىدا 190 مىڭ ئادەم قازا قىلىشى مۇمكىن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-08 16:19

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئافرىقا رايونى ئىش باشقارمىسى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى مۆلچەرلەپ مۇنداق دېدى: ئافرىقا دۆلەتلىرىدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەغلۇپ بولغان ھامان، يۇقۇم تارقالغان تۇنجى يىلىلا ئافرىقىدا 190 مىڭ ئادەم قازا قىلىشى، 44 مىليون ئادەم يۇقۇملىنىشى مۇمكىن.  

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى مۆلچەرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەغلۇپ بولسا، ئافرىقىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغان تۇنجى يىلىلا 83 مىڭدىن 190 مىڭغىچە ئادەم قازا قىلىدىكەن، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 29 مىليوندىن 44 مىليون ئارىلىقىدا بولىدىكەن. ئافرىقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئافرىقىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ سانى 50 مىڭدىن ئېشىپ، 51 مىڭ 698 گە يەتكەن، 2012 ئادەم قازا قىلغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有