ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارشى سەپسەتىسى مەككارىتئىزم دەۋرىگە قايتقانغا ئوخشايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-08 16:19

ئامېرىكىنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى بوكاس 5-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە جۇڭگوغا قارشى مۇقام توۋلىماقتا، ئۇلار مەككارىتئىزم دەۋرىگە قايتقاندەك قىلىدۇ. بوكاس ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا قارشى سۆزلىرى ھەددىدىن بەك ئېشىپ كەتتى، ئامېرىكا جوسېف ماكازى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە كوممۇنىزمغا ھۇجۇم قىلىپ، سىياسىي زىيانكەشلىك قىلغان مەزگىلگە قايتىپ كېتىۋاتقاندەك قىلىدۇ .ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئامېرىكىدا جۇڭگوغا ئادىل گەپ قىلىدىغان ھەرقانداق ئادەم «ئۆزىگە بالا تېپىۋېلىش»تىن ئەنسىرەيدۇ، بۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى گىتلېر دەۋرىدىكى گېرمانىيەگە ئوخشاپ كېتىدۇ. نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار جۇڭگوغا زەربە بېرىشنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، لېكىن ئۇلار سۆز قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئەگەر بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە ئامېرىكا بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارشى سەپسەتىسى مەككارىتئىزم دەۋرىگە قايتقانغا ئوخشايدۇ

ئامېرىكىنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى بوكاس 5-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە جۇڭگوغا قارشى مۇقام توۋلىماقتا، ئۇلار مەككارىتئىزم دەۋرىگە قايتقاندەك قىلىدۇ.