ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ياۋروپادىكى يۇقۇم ئەھۋالى ھازىر ئىجابىي سىگنال

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-08 16:19

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: ياۋروپا ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت ئونغا قەدەر يەنى (بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 16 گىچە)  يەر شارى بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ سانى ئالدىنقى بىر كۈندىكىدىن 83 مىڭ 465ى كۆپىيىپ، ئۈچ مىليون 672مىڭ 238گە يەتتى؛ قازا قىلغانلار ئالدىنقى بىر كۈندىكىدىن 6539ى كۆپىيىپ، 254 مىڭ 45 كە يەتتى. يۇقۇمنىڭ پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، گوللاندىيە، بېلگىيە، گېرمانىيە، سېربىيە، بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەت قاتارلىق بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى يۇقۇمنى باشقۇرۇش تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تەدرىجىي بوشىتىشقا باشلىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ياۋروپا رايونى ئىش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى كلۇگ 5-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇنداق دېدى: 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن بۇيان، ياۋروپا رايونىدا ھەر كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارنىڭ سانىدا تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، بۇ بىر ئىجابىي سىگنال؛ لېكىن يۇقۇمنىڭ قايتىدىن ئەۋج ئېلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەر باشقۇرۇشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەدرىجىي بوشىتىشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ياۋروپادىكى يۇقۇم ئەھۋالى ھازىر ئىجابىي سىگنال

ياۋروپا ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت ئونغا قەدەر يەنى (بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 16 گىچە) يەر شارى بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ سانى ئالدىنقى بىر كۈندىكىدىن 83 مىڭ 465ى كۆپىيىپ، ئۈچ مىليون 672مىڭ 238گە يەتتى؛