ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياۋروپا ئىتتىپاقى تارىختىكى ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي چېكىنىش باسقۇچىغا كىردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-11 14:53

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ يېقىندا مۆلچەرلىشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، 2020-يىلى ياۋروپا ئىقتىسادىدا «تارىخىي خاراكتىرلىك چېكىنىش» كۆرۈلىدىكەن. مۆلچەردە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى بۇ يىل %7.5، ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادى %7.75 تۆۋەنلەيدىكەن. گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ 2021-يىلى قايتا ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ بۇ يىلقى زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولالمايدۇ.
ياۋروپا كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەزاسى پائۇل جېنتىلونى مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تارىختىكى ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي چېكىنىش باسقۇچىغا كىردى. ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى لاگاردى مۇنداق دېدى: ياۋرو رايونى دۇچ كەلگەن ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى مەيلى دەرىجە ياكى سۈرئەت جەھەتتە بولسۇن، تىنچلىق مەزگىلىدە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان.
ئىقتىسادنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىشىگە قارىتا، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار ئىقتىسادىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللاندى. مەسىلەن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى قىسقا ۋاقىتلىق خىزمەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئالدى.
4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، گېرمانىيەدە ئون مىليون 100 مىڭ كىشى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، قىسقا ۋاقىت خىزمەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسى ئەڭ ئېغىر بولغان 2009-يىلى گېرمانىيەدىمۇ ئۈچ مىليون 300 مىڭ ئادەم قىسقا ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان. قىسقا ۋاقىتلىق خىزمەت تۈزۈمى ئادەتتە كارخانا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئېقىپ كەتمەسلىكى ياكى ئىشسىز قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان تەدبىر.
پۇل سىياسىتى جەھەتتە، 3-ئايدىن بۇيان، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئۇزاق مۇددەت قايتا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەشغۇلاتىنى يولغا قويۇش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، ياۋرو رايونىنى زور مىقداردا يۆتكىلىشچانلىق بىلەن تەمىنلىدى.
گەرچە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، ياۋروپا كومىتېتى يەنىلا ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى «ئىنتايىن يۇقىرى ئېنىقسىزلىق»قا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئەمەلىي ئەھۋال مۆلچەردىكىدىنمۇ ناچار بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ھازىرقى باسقۇچتا، ئالاقىدار ئىقتىسادىي مۆلچەر ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى 5-ئايدىن باشلاپ «دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىپ»، ئەڭ ئاخىرىدا تەدرىجىي بىكار قىلىنىدۇ دېگەننى ئاساس قىلغان. ياۋروپا ھازىر يۇقۇم پەسىيىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار پەيدا بولدى، يۇقۇمنىڭ كېيىنكى قەدەمدە قانداق تەرەققىي قىلىشىنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە مۇقىمسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر يۇقۇم مۆلچەردىكىدىن تېخىمۇ ئېغىر، تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملاشسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادىي چېكىنىش نىسبىتى نۆۋەتتىكى مۆلچەر قىممەتتىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدىكەن. خۇيفېڭ بانكىسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى ئولىۋىيې ۋىنىيامۇ ئىستېمالچىلار يۇقۇمنىڭ يەنە يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، شۇڭا ئىستېمال قىلغاندا تېخىمۇ «ئېھتىيات» قىلىدۇ، دەپ قارىدى.
يۇقۇمنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئېنىقسىز ئامىللارمۇ ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق جانلىنىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن ئەندىشە قىلدى، نۆۋەتتىكى كىرىزىس ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى «يەككە بازار»نىڭ ئىچكى قىسمىدا ئېغىر بۇرمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ھەمدە ياۋرو رايونىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ۋە ئىجتىمائىي ئىختىلاپنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
يېقىندا، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە مىنىستىرلىرى بىر ۋىدېيولۇق يىغىندا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، «ياۋروپا يېشىل كېلىشىمى»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۆۋەن كاربونلۇق كەلگۈسىگە قۇچاق ئېچىشى كېرەك.
ياۋروپا تاراتقۇلىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە يۇقۇم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر ئىچكى ئىقتىسادنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە بولغان ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى تۆۋەنلىمەستىن ئەكسىچە ئاشتى.
ياۋروپا پارلامېنتى مۇھىت كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى فرانس تىمومانس مۇنداق دېدى: «ياۋروپا يېشىل كېلىشىمى» ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقۇمدىن قۇتۇلۇشتىكى «جان تومۇرى، ئىقتىسادنىڭ "يېشىل قايتا جانلىنىشى"نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولۇپلا قالماستىن، بۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە كونا يولدا مېڭىپ قالسا بولمايدۇ، ھازىر ئىقتىسادنى تېخىمۇ پاكىز ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياۋروپا ئىتتىپاقى تارىختىكى ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي چېكىنىش باسقۇچىغا كىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ يېقىندا مۆلچەرلىشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، 2020-يىلى ياۋروپا ئىقتىسادىدا «تارىخىي خاراكتىرلىك چېكىنىش» كۆرۈلىدىكەن.