ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-لائۇس تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىشى تىرىشىپ كاپالەتلەندۈرۈلمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-11 15:07

5-ئاينىڭ باشلىرىدىكى لائوسنىڭ پايتەختى ۋيېنتاندا يۇقۇمنىڭ تەسىرى تېخى تۈگىمىدى. ئوتتەك قۇياش نۇرى ئاستىدا، شەھەر ئەتراپىدىكى جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يول قۇرۇلۇشچىلىرى تەر تۆكۈپ ئىشلەپ، رېلىسنىڭ بىرىنچى بۆلىكىنى جۇڭگو لائوس چېگراسىغا ياتقۇزۇپ، ئىشنى ۋاقتىدا تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلماقتا.

31 ياشلىق چېن جيەن دۆلەت ئىچىدە پېشقەدەم پويىز شوپۇرى ھېسابلىنىدۇ، ھازىر جۇڭگو تۆمۈريول 2ـ ئىدارىسى جۇڭگوـ لائوس تۆمۈر يولىغا رېلىس ياتقۇزۇش تۈرى دىرېكتورلۇق بۆلۈمىدە قۇرۇلۇش ئاپتوموبىلى شوپۇرى، 5-ئاينىڭ 7-كۈنى دىۋىگاتېللىق پاراۋۇزنى ھەيدەپ شېغىلنى ئالدىنقى سەپ قۇرۇلۇش ئورنىغا توشۇدى. ئۇ: «مەن مەملىكەت ئىچىنىڭ ھەممە يەرلىرىدە پويىز ھەيدەپ باقتىم، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەلدە پويىز ھەيدىشىم. بۇ لىنىيە بەك ياخشى، بەك راھەت»، دېدى.

جۇڭگو تۆمۈر يول 2-ئىدارىسى جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىنىڭ تۇنجى 500 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پولات رېلىسنى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋيېنتيان شەھەر ئەتراپى رايونىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ياتقۇزۇپ بولغان، بۇ جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭ رېلىس ئۈستىدە قۇرۇلۇش قىلىش ھالقىلىق مەزگىلىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 5-ئاينىڭ بېشىدا، جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىدا 30~ 40 كىلومېتىر رېلىس ياتقۇزۇلۇپ بولدى، چېن جيەنمۇ لائوسنىڭ تۇنجى زامانىۋى تۆمۈر يولىدا پويىز ھەيدىگەن تۇنجى شوپۇر بولۇپ قالدى. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: ھاۋا ئىسسىق، ھاۋا تەڭشىگۈچ بولمىسا،پويىز بەك ئىسسىپ كېتىدۇ. دېدى.

رېن چېڭنېڭ لائوسقا كەلگەن 9 ئايدا جۇڭگو لائوس تۆمۈر يول رېلىس قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىنىڭ باش تەڭشىگۈچلۈك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. 5-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇخبىر ئۇنىڭ بىلەن بىللە قۇرۇلۇش ماشىنىسى بىلەن ئەمدىلا ياتقۇزۇلغان جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىدا يۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوتتەك خىزمەت قىزغىنلىقىنى روشەن ھېس قىلدى.

ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا، جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا قاتنىشالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بىراق، ئۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدىن يەنىلا سەل ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئۈچۈن، جۇڭگولۇق خىزمەتچىلەرنىڭ لائوسقا قايتىپ بېرىشى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىپلا قالماي، بىر قىسىم لائوسلۇق خىزمەتچىلەر ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىش ئورنىغا قايتىشقا ئامالسىز قالدى، تۈر بۆلۈمىمۇ يېڭى خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالدى.

جۇڭگو تۆمۈريول 2-ئىدارىسى جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىدا رېلىس ياتقۇزۇش بۆلىكى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لېي چاۋ 5-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«ئالدى بىلەن ھازىرقى خادىملارنىڭ سالامەتلىكى ۋە خىزمەت ھالىتىگە كاپالەتلىك قىلدۇق، بىز لائوسنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردۇق، جۇڭگو تۆمۈر يول 2-ئىدارىسى جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يول قوماندانلىق ئىشتابى جىددىي داۋالاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، لىنىيە بويىدا نۇقتا قۇرۇپ، يۇقۇمنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولدى. ھازىر بىزنىڭ خادىملىرىمىزنىڭ يېرىمى كەم، ھازىر ھەر بىر ئادەم نۇرغۇن ئىش ئورنىنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتىدۇ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا خىزمەت مىقدارىنى ئاشۇرۇۋاتىمىز.

نۆۋەتتە جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدە نورمال قۇرۇلۇش قىلىشنى ساقلاش ئۈچۈن، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن سۈرئەتكە، سۈپەتكە، بىخەتەرلىككە، باشقۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. جۇڭگو تۆمۈر يول 2-ئىدارىسىنىڭ جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىدا رېلىس ياتقۇزۇش تۈرىنىڭ دىرېكتورى خۇ بىن  5-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇنداق دېدى: 3 ئاينىڭ 27-كۈنى جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىدا رېلىس تۇنجى ياتقۇزۇلغاندىن بۇيان، دۇنيا بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ جىددىي ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە، دىرېكتورلۇق بۆلۈمى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تۈزۈمى ۋە نەق مەيداندا باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «كۈچلۈك ئايرىش، يۇقۇملىنىش بولماسلىق، ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك»تەك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىدى.

خۇ بىن مۇنداق دېدى: تۈر بۆلۈمىدىكى ھازىرقى خادىملار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتتى، تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش كادىرلىرىنى ئىخچاملىدى. بىزنىڭ نۇرغۇن باشقۇرغۇچى كادىرلىرىمىز، تېخنىك كادىرلىرىمىز بىرىنچى سەپكە تولۇقلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىغا رېلىس ياتقۇزۇش دەسلەپكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ كۈندە ئىككى كىلومېتىردىن ھازىر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر كۈندە بىر كىلومېتىر رېلىس ياتقۇزۇش سۈرئىتىگە ئۆستۈرۈلۈپ، جۇڭگو لائوس تۆمۈر يولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدە قاتناش باشلىنىشىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلىدى.

لېي چاۋ: بىز شىمالغا، جۇڭگوغا قاراپ كېڭەيدۇق. ئۆيگە بارغانسېرى يېقىنلاشقانسېرى، تېخىمۇ ھاياجانلاندۇق دېدى. بۇ لېي چاۋنىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەل تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشى، ئۇ: گەرچە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولساقمۇ، ئەمما ھازىر لائوس ھۆكۈمىتى جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا نۇرغۇن قولايلىق يارىتىپ بەردى، «بۇ تۆمۈر يول ۋاقتىدا پۈتتۈرۈلىدۇ، ۋاقتىدا قاتناش باشلىنىدۇ، بىزدە مۇشۇنداق ئىشەنچ بار»، دېدى.
5-ئاينىڭ 7-كۈنى، چېن جيەن ھەيدىگەن شەرق شامىلى 4B قۇرۇلۇش ئاپتوموبىلغا 21 ۋاگون قېتىلدى، ھەربىر ۋاگونغا تەخمىنەن 70 توننا شېغىل قاچىلانغانىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولى بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇپ، بىر تەرەپتىن رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

چىن جيەن مۇنداق دېدى: يۇقۇم سەۋەبىدىن، بىز ئادەتتە سىرتقا چىقمىدۇق، شۇ يەردىكىلەر بىلەنمۇ ئۇچراشمىدۇق، بىراق پويىز ئۆتكەندە، ئۇلار بىزگە سالام قىلدى، گەرچە ئۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى چۈشەنمىسەكمۇ، كەيپىياتىمىز ناھايىتى ياخشى. چېن جيەن: نۇرغۇن لائوسلۇقلار پويىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى، بۇ بىزنى ناھايىتى پەخىرلەندۈردى، دېدى.

جۇڭگو تۆمۈر يول چەكلىك شىركىتى خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئورۇنلار ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش قىلىش تەشكىلاتلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بايلىقنى ئىلمىي تەقسىملەپ، قۇرۇلۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن. نۆۋەتتە، كۆۋرۈك، تونېل ۋە يول ئۇلى قاتارلىق توپا قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن، رېلىس، خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشى، سىگنال قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ۋوگزال ئۆيى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە رېلىس قۇرۇلۇشى ھالقىلىق رېلىس ياتقۇزۇش باسقۇچىغا كىرگەن.

جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولى جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن لائوسنىڭ «قۇرۇقلۇق بېكىنمە دۆلىتىدىن قۇرۇقلۇقنى تۇتاشتۇرغۇچى دۆلەتكە ئايلىنىش» ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇش تۈرى بولۇپ، شىمالدا لائوس-جۇڭگو چېگرا ئېغىزى مودىندىن باشلىنىپ، جەنۇبتا لائوسنىڭ پايتەختى ۋىيېنتيانغا تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 414 كىلومېتىر. بۇ تۆمۈريول پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ باشقۇرۇش ئۆلچىمى ۋە تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىدۇ، سائەتلىك سۈرئىتى 160 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن، ئېلېكتېروۋۇزلاشقان يولۇچى، يۈك ئارىلاش تىرانسپورت تۆمۈريولى ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇلۇش 2016-يىلى 12-ئايدا ئومۇميۈزلۈك باشلانغان، 2021-يىلى 12-ئايدا پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-لائۇس تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىشى تىرىشىپ كاپالەتلەندۈرۈلمەكتە

5-ئاينىڭ باشلىرىدىكى لائوسنىڭ پايتەختى ۋيېنتاندا يۇقۇمنىڭ تەسىرى تېخى تۈگىمىدى. ئوتتەك قۇياش نۇرى ئاستىدا، شەھەر ئەتراپىدىكى جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يول قۇرۇلۇشچىلىرى تەر تۆكۈپ ئىشلەپ، رېلىسنىڭ بىرىنچى بۆلىكىنى جۇڭگو لائوس چېگراسىغا ياتقۇزۇپ، ئىشنى ۋاقتىدا تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلماقتا.