ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارادىكى تاراتقۇلار يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا ئامېرىكىدىن جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-11 15:18

ئامېرىكا جونىس خوپكىنىس داشۆسى ئېلان قىلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت توققۇزغىچە، يەر شارىدا دىياگنوز قويۇلغان بىمار تۆت مىليون 96 مىڭ 477 گە، قازا قىلغان بىمار 279 مىڭ 333 گە يەتكەن. ئامېرىكا-يۇقۇم ئەڭ ئېغىر دۆلەت بولۇپ، جەمئىي دىياگنوز قويۇلغان بىمار بىر مىليون 365 مىڭ 360 قا، قازا قىلغان بىمار 80 مىڭ 723 كە يەتكەن. ئامېرىكىدىكى يۇقۇم ھەققىدە، خەلقئارادىكى تاراتقۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن يۇقۇمنىڭ چوڭ پارتلىشىنى تىزگىنلىيەلمىدى، نېمە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى جۇڭگو ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئارتىپ قويۇشقا ئالدىرىدى، ئۆز دۆلىتىدىكى يۇقۇمنى يوشۇرغان ئەھۋال بارمۇ-يوق دېگەن گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن يۇقۇمنىڭ چوڭ پارتلىشىنى تىزگىنلىيەلمىدى؟ رۇسىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدا، ئامېرىكا يەر شارىدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن قازا قىلغان بىمارلارنىڭ سانىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا، بارلىق 50 ئىشتاتنىڭ مىسلىسىز بولغان مەملىكەت خاراكتېرلىك بالايى-ئاپەتنى جاكارلىغانلىقى تاسادىپىيلىق ئەمەس دېيىلدى.

ماقالىدا، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، ئايرىش ۋە مەجبۇرىي ماسكا تاقىتىش قاتارلىق بەلگىلىمىلەر قاتتىق ئىجرا قىلىنمىدى، ئاز ساندىكى توپلار، بولۇپمۇ نۇرغۇن قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئەشيا ئىقتىدارى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتا سەۋىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئۈنۈملۈك ياردەمگە ئېرىشەلمىدى دەپ ھېسابلاندى.

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى تورىنىڭ ماقالىسىدا، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كىرىزىسنىڭ ئاپەت خاراكتېرىگە بولغان ئىنكاسىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئامېرىكا بالدۇرراق تەدبىر قوللانمىدى، باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر ئېنىق ئاڭلىغان ئاگاھلاندۇرۇشقا دىققەت قىلمىدى، مۇھىم تاۋارلار بىلەن تەمىنلەشكە سەپەرۋەر قىلمىدى شۇنداقلا دۆلەت، ئىشتات ۋە يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماسلىشىش بولمىدى دېيىلدى.

ئىككىنچى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى جۇڭگو ئارتىپ قويۇشقا ئۇرۇندى؟ ئىسپانىيە «ئاۋام» گېزىتى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دەسلەپكى باشلىنىشتىلا، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس كىرىزىسى-نوقۇل ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىسى ئەمەس ئىدى، يۇقۇمنى ئەڭ بالدۇر دوكلات قىلغان جۇڭگو خەۋەرنى يوشۇردى دەپ ئەيىبلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سۇيىقەست نەزەرىيەچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا قارا سۈركەپ، جۇڭگودىن مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرىمىز، تۆلەم تۆلىتىمىز دېيىشى-ئېنىقكى ئۆزىنىڭ جۇڭگو ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سالمىغانلىقتىن چوڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقىدىكى خاتالىقىنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە قۇربانلىق ئىزدىمەكتە.

رۇسىيە گېزىتى تورى يېقىندا ئېلان قىلغان «كىم يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ھەققىدە جۇڭگوغا تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ» دېگەن ماقالىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو يۇقۇم ئېغىر بولغان دۆلەتلەرگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىۋاتىدۇ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ تەمىناتىغا تايىنىپ تۇرۇپ، يەنە جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىستېمىدىكى ئاجىزلىقى بۇ قېتىمقى يۇقۇم جەريانىدا تولۇق ئاشكارا بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، جامائەت پىكرىنىڭ دىققىتىنى بۇرىماقچى بولۇۋاتىدۇ.

فىرانسىيە «ئەكس سادا گېزىتى» يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا كۈچىمىگەنلىكى تەنقىدكە ئۇچرىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئامېرىكا چوڭ سايلىمىغا پەقەت يېرىم يىللا ۋاقىت قالدى، ئامېرىكا ئاممىسىنىڭ نارازىلىقىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن، تىرامپ ھۆكۈمىتى يۇقۇم تىزگىنلەنمىگەن ئەھۋالدا، ئىقتىسادنى مەجبۇرىي ھالدا قايتىدىن قوزغاتماقچى بولدى ھەم مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ئۈچۈن، تىغ ئۇچىنى جۇڭگو ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا قاراتتى. يۇقۇم سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئامېرىكىلىق ئىشسىز قالدى، يەنە نۇرغۇن شىركەتلەر تاقالدى، شۇڭا تىرامپ ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتنى قۇربانلىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولدى.

فىرانسىيە «دۇنيا گېزىتى» ئېلان قىلغان ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى 4-ئايدا ئېلان قىلغان بىر ئەسلەتمىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى مەملىكەتلىك كومىتېتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزالىرى نامزاتلىرىغا بېيجىڭغا قارىتىلغان ھۇجۇم خاراكتېرلىك پوزىتسىيە قوللىنىش تەكلىپىنى بەرگەن. تىرامپنىڭ باشلىنىشتىلا يۇقۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى سۇسلاشتۇرۇشىنىڭ چوڭ سايلامغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى مەملىكەتلىك كومىتېتى «تىرامپنى ئاقلىماستىن»، بەلكى جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن.

ئۈچىنچى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ راسخوتىنى ئۈزۈپ قويۇشىنىڭ تەسىرى قانچىلىك بولىدۇ؟ سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى» ئېلان قىلغان «ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ راسخوتىنى ئۈزۈپ قويۇشى نېمىلەرنى ئۆزگەرتىدۇ» دېگەن ماقالىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تىرامپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «جۇڭگونىڭ ۋىرۇس ھەققىدىكى يالغان خەۋىرىگە ياردەم بەردى، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدى» دېگەن ئاتالمىش باھانىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، مەسئۇلىيەتنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئارتىپ قويدى ھەم دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرۇشنى ۋاقتىنچە توختاتتى. ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان پەيتتە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى قوللاش-ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى. خەلقئارا جەمئىيەت-ئامېرىكىنىڭ رولى بولمىغان ئەھۋالدىكى كىرىزىسكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يېڭى قائىدىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ راسخوتىنى ئۈزۈپ قويغان ئامېرىكا ئۇتتۇرغۇچىغا ئايلىنىدۇ.

تۆتىنچى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سىرتقا ئۆز دۆلىتىدىكى يۇقۇمنى يوشۇردىمۇ-يوق؟ ئىران ئاخبارات تېلېۋىزىيە تور بېكىتى يېقىندا «ئامېرىكا جۇڭگو تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ مارىلاند ئىشتاتىغا جايلاشقان بىيولوگىيەلىك قورال تەجرىبىخانىسىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويامدۇ» دېگەن خەۋەرنى ئېلان قىلدى. خەۋەردە، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى داننىس ئېتتىلىرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونى يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇردى دەپ ئەيىبلىشى ھەم ۋىرۇس ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقاتخانىسىدا پەيدا قىلىنغان دېگەن سۇيىقەست نەزەرىيەسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى ئىنتايىن نومۇسسىزلىق، بارغانسېرى كۆپ ئىسپاتلار بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ بالدۇرلا ئامېرىكىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئېھتىماللىقنى تەكشۈرەمدۇ ھەم جۇڭگونى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلامدۇ؟ ئەگەر بۇنداق بولمىسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونى ئەيىبلەش ھوقۇقى يوق.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارادىكى تاراتقۇلار يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا ئامېرىكىدىن جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا جونىس خوپكىنىس داشۆسى ئېلان قىلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت توققۇزغىچە، يەر شارىدا دىياگنوز قويۇلغان بىمار تۆت مىليون 96 مىڭ 477 گە، قازا قىلغان بىمار 279 مىڭ 333 گە يەتكەن.