ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-12 15:15

نۆۋەتتە، جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈردى. بىر قاتار چەت ئەل مەبلىغىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ رولى ئاستىدا، جۇڭگودىكى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى تېزلىتىلدى، چوڭ تۈرلەر قۇرۇلۇشلىرى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى. جۇڭگودىكى چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ۋە كەسپىي مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ سودا-تىجارەت مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى تەدرىجىي نورماللاشتى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل.

جۇڭگودىكى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، كەينى-كەينىدىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

ئامېرىكا چۇئالكوم شىركىتى جۇڭگو رايونىنىڭ باش مۇدىرى مېڭ پۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۇچۇر خەۋەرلىشىش كەسپى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

بىز  ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى باسقۇچ، تۈركۈمگە بۆلۈپ نۆۋەتلىشىپ تەرتىپلىك ھالدا ئىشخانىغا قايتىپ خىزمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. چۇئالكومنىڭ باش ئىشتابى بىزنىڭ جۇڭگودىكى ئۇسۇلىمىزدىن پايدىلىنىپ ۋە ئۆرنەك ئېلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشخانىغا قايتىپ خىزمەت قىلىش ئىشلىرىنى پىلانلاشقا باشلىدى. مېڭ پۇ مۇنداق دېدى: چۇئالكومنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىيات ئىشەنچىسى تەۋرىنىپ قالمايدۇ، جۇڭگودىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىغا بولغان قوللىشى ئازايمايدۇ. بىز 5G تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگودىكى شېرىكلىرىمىز بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.

ياپونىيە پاناسونىك ئېلېكتىر سايمانلىرى جۇڭگو شەرقىي شىمال ئاسىيا شىركىتىنىڭ لىدىرى خونما خىروما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، پاناسونىكنىڭ جۇڭگودىكى زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى نورمال سەۋىيەگە كەلدى، قايتا ئىشقا چۈشكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن بىرمۇ ئادەم يۇقۇملانمىدى. پاناسونىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جۇڭگوغا كىرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەرەققىيات مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە، بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ۋە تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ھەمدە كارخانىلارنى قوللىغانلىقىنى كۆردۇق. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ غايەت زور ئەۋرىشىملىكى، بولۇپمۇ جۇڭگو بازىرىدىكى ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنىڭ تەدرىجىي قويۇپ بېرىلىشى-بىزنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى.

شىۋېتسىيە كارخانىسى ئېلېكتا جۇڭگو رايونىنىڭ لىدىرى گۇڭ ئەنمىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش سىياسىتىنى تولۇق ھېس قىلدۇق. جۇڭگونىڭ سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. ئىش، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەسلىگە كېلىشى بىزنىڭ جۇڭگودا يىلتىز تارتىپ، جۇڭگو بازىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭگودا ئۇزاق مۇددەت ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىش ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

ياپونىيە كارخانىسى نومۇرا ئاكسىيىسىمۇ جۇڭگودىكى تىجارەت پائالىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. نومۇرا پاي كونترول جۇڭگو كومىتېتىنىڭ رەئىسى، نومۇرا ئاكسىيەسىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن باشلىقى ئىياما يورىياسۇ مۇنداق دېدى: نومۇرا ئاكسىيەسى 3-ئايدا شاڭخەيدە تۇنجى ئاكسىيە تىجارەت بۆلۈمى تەسىس قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان چەت ئەل مەبلىغى پاي كونترول ئاكسىيە سودىگەرلىرى قۇرغان تۇنجى تىجارەت بۆلۈمى بولۇپ قالدى، ھازىر خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو جايلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنى باسقۇچ، تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ قايتىلىنىش خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى. جۇڭگونىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەجرىبىسى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرگە نىسبەتەن قىممەتلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

جۇڭگو دۇنيادىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كەسىپلەرنى تۈرگە ئايرىشىدا بارلىق سانائەت تۈرلىرى تولۇق بىردىنبىر دۆلەت، كەسىپلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە، ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ۋە غايەت زور ھەم ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان بازار كۆلىمىگە ئىگە. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان چەت ئەل كارخانىلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئەۋزەللىكى روشەن بولۇپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئېلېكتانىڭ ياۋروپادىكى زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى يۇقۇمنىڭ ناھايىتى زور تەسىرىگە ئۇچرىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئېلېكتانىڭ باش ئىشتابى ياۋروپادىكى زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى جۇڭگودىكى زاۋۇتلىرىغا تەقسىملەپ بېرىپ، ئۆزىلىرىنىڭ رادىيوئاكتىپلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دۇنيا بازىرىنى سىجىل تەمىنلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مېڭ پۇ مۇنداق دەپ قارىدى: يەر شارى كەسىپ زەنجىرى تەمىنلەش زەنجىرى ئەندىزىسى ھەرقايسى ئىقتىسادى ئامىللارنىڭ تەننەرخى، كەسىپلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە، ئىختىساسلىقلار ئالاھىدىلىكى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئامىللارنىڭ رولىنىڭ نەتىجىسى، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئورتاق تاللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. جۇڭگودا، چۇئالكوم شىركىتىنىڭ كەسىپنى قانات يايدۇرغانلىقىغا 20 يىلدىن ئاشتى، بىزنىڭ تىجارەت سودىگەرلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز ئايرىلماس بولۇپ قالدى. جۇڭگو دۇنيا مىقياسىدا ئالدى بىلەن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، نامايان قىلغان ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكى يەر شارى كەسىپ زەنجىرى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

ئىياما يورىياسۇ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو G5 سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، نەرسە تورى قاتارلىق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۈچلۈك ئىچكى بازار ئېھتىياجى، ئېچىۋېتىلگەن سودا مۇھىتى ۋە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار بايلىقىغا ئىگە، جۇڭگونىڭ «دۇنيا زاۋۇتى»لىق ئورنى تەڭداشسىز. جۇڭگو دۇنيادىكى مۇھىم كەسىپ زەنجىرى تەمىنلەش زەنجىرى ھالقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا ئىجابىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى.

مېرك ھاياتلىق ئىلىمى جۇڭگو رايونىنىڭ باش مۇدىرى، باش دىرېكتورى سىتىف ۋېرمۇنت مۇنداق دېدى: يەر شارى كەسىپ زەنجىرى تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، يەر شارى ھەمكارلىقىغا تايىنىش ۋە يەرشارىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو مېركنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بازىرى ۋە مۇھىم ئېشىش موتورى. بىزنىڭ جۇڭگو بازىرىغا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل، جۇڭگونى داۋاملىق تەرەققىي قىلىمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل

نۆۋەتتە، جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈردى.