ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گۇتتېرس: دىنى داھىيلار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىشى كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-14 10:31

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتتېرس 5-ئاينىڭ 12-كۈنى «دىنىي داھىيلارنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىكى كۆپلىگەن خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى رولى» توغرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋىدېئولۇق يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : دىنىي داھىيلار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

گۇتتېرس مۇنداق دېدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىر تۈرلۈك يەر شارى خاراكتېرلىك سەھىيە جىددىي ۋەقەسى بولۇپلا قالماي ، يەنە بىر مەيدان ئىنسانلار كىرىزىسى. دىنىي داھىيلار ئىلگىرى ئەيدىز كېسىلى ۋە ئىبولا يۇقۇمى قاتارلىق ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسىدە مۇھىم رول ئوينىغان. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، دىنىي داھىيلار پۈتۈن دۇنيادا ئۇرۇش توختىتىشنى قوللاپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئىبارەت ئىنسانلارنىڭ بۇ ئورتاق دۈشمىنىگە زەربە بېرىش مەيدانى ۋە پوزىتسىيەسى ئىنتايىن مۇھىم.



中央广播电视总台 央广网 版权所有

گۇتتېرس: دىنى داھىيلار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىشى كېرەك

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتتېرس 5-ئاينىڭ 12-كۈنى «دىنىي داھىيلارنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىكى