ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۇبا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كۇبانىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-14 10:31

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

كۇبانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودرىگۇس 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كۇبانىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلدى .

4-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەردە،كۇبالىق پۇشتىدىن بولغان بىر ئامېرىكىلىق، كۇبانىڭ ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ئوققا تۇتقان ، كېيىن ئامېرىكا ساقچىلىرى ۋە ئالاھىدە خادىم باشقارمىسىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان ۋە قولغا ئېلىنغان . ھۇجۇم يۈز بەرگەندە ئەلچىخانىدا 10 دىپلومات بار بولۇپ، ھېچقايسىسى يارىلانمىغان .

رودرىگوس مۇنداق دېدى: كۇبانىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل « گۇمانلىق سۈكۈت » قىلىپ كەلدى . رودرىگوس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئايرىم قاراشقا بولمايدۇ ، بۇ ئۇزاقتىن بۇيان ۋاشىنگتوننىڭ كۇباغا قاراتقان دۈشمەنلىشىش سىياسىتى، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىنىڭ ئۆچمەنلىككە تولغان سۆزلىرى ۋە زوراۋانلىققا قۇترىتىش ئېلىپ كەلگەن بىۋاسىتە ئاقىۋەت. كۇبانىڭ ئىسپاتىدا كۆرسىتىلىشىچە،ھۇجۇم قىلغۇچى بىلەن ئامېرىكىنىڭ كۇباغا قارشى تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بار ئىكەن .






中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۇبا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كۇبانىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلدى