ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا ئورگانلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە: ئامېرىكىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا قازا قىلغانلار 100 مىڭدىن ئاشقان، پايتەخت ۋاشىنگتون قامال قىلىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-28 17:13

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا جونېس خوپكېنىس داشۆسى بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 6 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە، يە شارى بويىچە دىياگنوز قويۇلغان بىمار 5 مىليون مىڭ 389 گە، قازا قىلغانلار 354 مىڭ 944 گە يەتتى، ئامېرىكىدا دىياگنوز قويۇلغان بىمار 1 مىليون 697 مىڭ 459 غا، قازا قىلغان بىمار يۈز مىڭ 271 گە يەتتى، دېدى.

خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنداق دېدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پارتلىغاندىن بۇيان، پۈتكۈل يەر شارىدا ئالتىدىن بىر قىسىم ياش خىزمەتتىن ئايرىلدى، يەنىلا خىزمەت قىلىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ياشلارنىڭ خىزمەت ۋاقتى ئومۇمەن%23 ئازايدى.

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىنىڭ باشلىقى مۇرئېل بوۋسېر 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، مەزكۇر شەھەرنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقىرى تۈپەيلىدىن ئويدىن سىرتقا چىقماسلىق بۇيرۇقىنىڭ 5-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ۋاشىنگتون شەھىرىگە قوشنا بولغان مارىلاند ئىشتاتى بىلەن ۋىرگىنىيە ئىشتاتىمۇ يېقىندا قامال قىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش باسقۇچىغا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈنكى رۇسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى ئاخبارات ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئىبارەت كەسكىن ۋەزىيەت ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەر قوللانغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ئويلىشىپ، رۇسىيە تەرەپنىڭ كېسەل ئالتۇن دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى كېچىكتۈرۈشنى، ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقىتنى يۇقۇمنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنداق دېدى: گەرچە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارلار ئازايغان بولسىمۇ، بىراق گېرمانىيە يەنىلا يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇرماقتا، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەر قايسى ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا داۋاملىق يېقىندا ماسلىشىدۇ.

ئىسپانىيە مەملىكەت بويىچە 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ 10 كۈنلۈك تەزىيە كۈنىگە كىردى. ئىسپانىيە پارلامېنتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تەزىيە پائالىيىتى توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

فىرانسىيەدە يېڭىدىن دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن 191 كۆپىيىپ، دىياگنوز قويۇلغان بىمار 145 مىڭ 746 گە يەتتى،فىرانسىيە زۇڭلىسى فىللىپ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنداق دېدى: فىرانسىيە 6-ئاينىڭ 2-كۈنى قامالنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش يېڭى باسقۇچىغا كىرىدۇ.

ئىتالىيەدە 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 117 بىمار يېڭىدىن قازا قىلىپ، قازا قىلغانلار 33 مىڭ 72 گە يېتىپ، بىر كۈندىلا يېڭىدىن قازا قىلغانلارنىڭ نىسبىتى ئالدىنقى بىر قانچە كۈندىكىدىن بىر ئاز كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىتالىيەدە ھازىر بار بولغان بىمارنىڭ سانى داۋاملىق ئازىيىپ، يۇقۇمنىڭ داۋاملىق پەسەيگەنلىكى ئايان بولدى.

شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: شىۋېيتسارىيە يۇقۇمنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ بوشىتىدۇ ھەمدە 6-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ، جىددىي ھالەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،ئالاھىدە ھالەتكە كىرىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا ئورگانلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە: ئامېرىكىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا قازا قىلغانلار 100 مىڭدىن ئاشقان، پايتەخت ۋاشىنگتون قامال قىلىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان

ئامېرىكا جونېس خوپكېنىس داشۆسى بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 6 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە، يە شارى بويىچە دىياگنوز قويۇلغان