ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ۋەكىلى: توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر پۇقرالارنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-28 17:13

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاڭ جۇن 5-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنداق دېدى: توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر خەلقئارا قانۇن بەلگىلىمىلەردىكى پۇقرالارنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئاياللار، بالىلار قاتارلىق ئاجىز كىشىلەر توپىغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بىلىشى ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك. ئۇ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پۇقرالارنى قوغداشتەك مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى.
جاڭ جۇن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شۇ كۈنى ئۆتكۈزگەن قوراللىق توقۇنۇشتا پۇقرالارنى قوغداش توغرىسىدىكى ۋىدىيو ئاشكارا يىغىنىدا مۇنداق دېدى: پۇقرالارنى قوغداش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا، ھەتتا ھاكىمىيەتنى ئالماشتۇرۇشدىكى باھانىسىگە ئايلاندۇرۇشقا بولمايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ۋەكىلى: توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر پۇقرالارنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاڭ جۇن 5-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنداق دېدى: توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر خەلقئارا