ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيەنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى پۈتۈن بىر يىل كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىككى دۆلەتتە يۇقۇم بىر ئاز باش كۆتۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-29 10:32

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە جامائەتچىللىك نازارىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بوبوۋا 5-ئاينىڭ 27-كۈنى تاراتقۇلارغا رۇسىيە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇنىۋېرسال نىزامى 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ دېدى. ئۇندىن باشقا، قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاندا يۇقۇم بىر ئاز باش كۆتۈرۈپ قالدى، ئۇكرائىنا باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشنى بوشىتىش جەھەتتە بىر قەدەر چوڭ قەدەم باستى.

رۇسىيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن 24 سائەتتە رۇسىيەدە يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قۇيۇلغان بىمار 8338 بولۇپ، جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 370 مىڭ 680 گە يەتكەن؛ يەنە 161 بىمار قازا قىلغان بولۇپ، جەمئىي قازا قىلغانلار 3968 گە يەتكەن؛ يەنە  11079 كىشى ساقىيىپ، جەمئىي ساقايغانلار 142 مىڭ 208گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە موسكۋادا يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 2140 بولۇپ، جەمئىي دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار 171 مىڭ 443 كە يەتكەن.

قازاقىستاندا 5-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 9304 بولۇپ، قازا قىلغان بىمار 37. ساقايغانلار 4669. قازاقىستاننىڭ سەھىيە مىنىستىرى بىرتانوف 5-ئاينىڭ 27-كۈنى  مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان، كۆپلىگەن جايلاردا يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سىجىل كۆپەيدى، قىسمەن رايونلاردىكى چوڭ تىپتىكى كارخانىلاردا كوللېكتىپ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر. ھازىرغىچە قازاقىستاندا 711 مىڭ قېتىم يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلدى، كۈندىلىك تەكشۈرۈش ئىقتىدارى 25 مىڭ قېتىمغا يەتتى. 

 ئۆزبېكىستان 5-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 72 بولۇپ، جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 3333، قازا قىلغان بىمار 14، ساقايغانلار 2636. ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيايىف 5-ئاينىڭ 26-كۈنى يېقىندا يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار زور دەرىجىدە كۆپەيدى دېدى، ئۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئالاھىدە كومىتېتى ۋە ھەر قايسى ئوبلاستلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن يۇقۇم ئېغىر بولغان رايونلارنى تەكشۈرۈپ، باشقۇرۇش تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدە كونكرېت پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە سەھىيە مىنىستىرلىقى يۇقۇم ئېغىر رايونلاردىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى؛ داۋالاش ئاپپاراتلىرى، بازار، بانكا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇكرائىنا 5-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار321 بولۇپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار جەمئىي 21 مىڭ 905 كە يەتتى، 658 بىمار قازا قىلدى، 7995 كىشى ساقايدى.  ئۇكرائىنانىڭ سەھىيە مىنىستىرى سىجىفانوف 5-ئاينىڭ 27-كۈنى شۇ كۈندىن باشلاپ چىگىرىدىن كىرىپ چىقىش  چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغالىقىنى، ئۇكرائىنا ئاممىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ماشىنا ھەيدەپ بارسا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى تارماقلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن، چېگرادىن كىرگەن ئۇكرائىنالىقلار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىكەن ھەمدە ئائىلىسىدە 14 كۈن ئايرىلىپ تۇرىدىكەن.

بېلارۇسىيە 5-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنۇلارنى دوكلات قىلدى: يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 897 بولۇپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار جەمئىي 38 مىڭ   956غا يەتتى،  قازا قىلغان بىمار 214، ساقايغانلار 15 مىڭ 923 كە يەتتى. بېلارۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى گۇرۇسكى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېلارۇسىيە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىقتىسادقا مەدەت بېرىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى تۆۋەنلەتتى، لېكىن بېلارۇسىيەنىڭ تاشقى ئىقتىسادىمۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، شۇڭا بېلارۇسىيە  ئېكسپورت قاتارلىق تەرەپلەردە تېخىمۇ كۆپ مەدەتكە موھتاج.

ئاسىيا ياۋروپا رايونىدا يەنە قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى يۇقۇم دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: ئەرمېنىيەدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 7774 بولۇپ، 98 بىمار قازا قىلغان، 3255 كىشى ساقايغان؛ تاجىكىستاندا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 3266 بولۇپ، 47 بىمار قازا قىلغان، 1417 كىشى ساقايغان؛ قىرغىزىستاندا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 1520، قازا قىلغان بىمار 16، ساقايغان بىمار 1043؛ موڭغۇلىيەدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 148،  قازا قىلغان بىمار يوق، ساقايغان بىمار 43.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيەنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى پۈتۈن بىر يىل كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىككى دۆلەتتە يۇقۇم بىر ئاز باش كۆتۈردى

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە جامائەتچىللىك نازارىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بوبوۋا 5-ئاينىڭ 27-كۈنى تاراتقۇلارغا رۇسىيە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇنىۋېرسال نىزامى 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ دېدى