ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئەربابلىرى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولغانلىقىغا يۈكسەك دىققەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-02 15:48

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا، 5-ئاينىڭ 28-كۈنى «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن-تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇن تۈزۈشىگە ھوقۇق بېرىلدى. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئەربابلىرى بۇنىڭغا يۈكسەك دىققەت قىلىپ، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن بويىچە شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇشى-دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى ھەققانىي تەدبىر، بۇ-شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىدى.

ھىندىستان نېھرۇ داشۆسى جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى باررىي رام دىپاك مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئىككى تۈزۈم»-«بىر دۆلەت» ئاساسىغا ئورنىتىلغان، شياڭگاڭ-جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ھەر قانداق دۆلەت-چېگرا ئىچىدىكى ئاغدۇرمىچىلىق ياكى قۇتراتقۇلۇق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى تۇتىدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن بويىچە شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇشى-دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى قانۇن يوچۇقلىرىنى ئېتىپ، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»نى شياڭگاڭدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ تۈزۈم كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق.

نېپال كاتماندۇ قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى يۇبالاج سانلۇرا مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ-جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن بويىچە شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇشى-دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»نى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. شياڭگاڭنىڭ ئىشى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەر قانداق تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق.

مالايسىيە «يۇلتۇز گېزىتى»نىڭ سابىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋە باش مۇھەررىرى خۇاڭ جېنۋېي مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن بويىچە شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇشى-دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» ۋە رادىكال زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىپ، توسۇپ ۋە جازالاپ، شياڭگاڭنىڭ مۇقىملىقىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پايدىلىق. شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسى جۇڭگودا، شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرى تېخىمۇ ئاكتىپ نەزەر بىلەن كەلگۈسىگە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

رۇسىيە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋىلادىمىر زارىشىن مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن بويىچە شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇشى-نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە قوللانغان زۆرۈر تەدبىر. شياڭگاڭ-جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىش-دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، توسۇپ ۋە جازالاپ، شياڭگاڭ ۋەزىيىتىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىپ نورماللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»نى شياڭگاڭدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق.
قازاقىستاندا چىقىدىغان «قازاقىستان كەسىپكارلار گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى سېرك كۆرۈڭبايىۋ مۇنداق دېدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى-ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ مۇقىملىقىدا ئىنتايىن مۇھىم، خەۋپسىزلىك، مۇقىملىقتىن مەھرۇم قالغاندا، گۈللىنىش، تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن بويىچە شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇشى-شياڭگاڭدىكى قالايمىقانچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»نى قوغداشتىكى ھەققانىي تەدبىر بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىل جەمئىيەت تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەرەققىياتنى توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىشكە پايدىلىق. بىز جۇڭگونىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەت گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىز.

گىرۇزىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر تورى»نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ئافتاندىر ئوتىناشىۋىللى مۇنداق دەپ قارىدى: ھەر قانداق دۆلەت-دۆلەتنى پارچىلاش ۋە ئاغدۇرۇش قىلمىشىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ، قانۇن چىقىرىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش-ھەر بىر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ مۇقەددەس ھوقۇقى. شياڭگاڭ-جۇڭگونىڭ شياڭگاڭى، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن بويىچە شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇشى-«بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»نى قوغداش، شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىل تەرتىپى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى، قانۇنلۇقلۇقىغا گۇمان كەتمەيدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كېرەك.

پولشانىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق سابىق باش كونسۇلى، جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى سەلۋېستېر شافاش مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن-تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئورنىتىش ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قارار قىلغانلىقى-چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى، «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىگە يانتاياق بولۇشى، شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ھوقۇقى، ئەركىنلىكى ۋە شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا ئېغىر زەربە پەيدا قىلىدىغان ۋەزىيەتكە تېزدىن خاتىمە بېرىشكە پايدىلىق، بىز شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىشنىڭ شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىل جەمئىيەت تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىىگە كەلتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مېكسىكىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق سابىق باش كونسۇلى ئېدۋاردو رولدان مۇنداق دېدى: شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇش-شياڭگاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ مۇكەممەل قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ-شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. ئاز ساندىكى دۆلەتلەر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى، شياڭگاڭ مەسىلىسى قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، جۇڭگوغا قارا سۈركەپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇندى، بۇنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. شياڭگاڭ-جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ھەر قايسى تەرەپلەر «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»نى خاتا چۈشەندۈرمەسلىكى كېرەك، بۇ ھەم خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغانلىق ھەم خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلغانلىق.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئەربابلىرى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولغانلىقىغا يۈكسەك دىققەت قىلدى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا، 5-ئاينىڭ 28-كۈنى «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن-تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ،