ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو ئامېرىكىنى يادرو سىنىقىنى ۋاقتىنچە توختىتىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-09 16:56

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 6-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكىنى تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە، يادرو سىنىغىنى ۋاقتىنچە توختىتىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، يادرو سىنىغىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش شەرتنامىسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە نىشانىنى قوغداشقا دەۋەت قىلىدۇ.

خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو«يادرو سىنىغىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش شەرتنامىسى»نى تەشكىللىگۈچى داڭلىق ئەربابلار گۇرۇپپىسىنىڭ باياناتىنى قوللايدۇ. بۇ شەرتنامە خەلقئارا يادرو ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى بولۇپ، يادرو سىنىقىنى مەنئى قىلىشتا خەلقئارا ئۆلچەم تىكلەپ، يادرو ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز، ئامېرىكىنى تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئىلىپ، «يادرو سىنىغىنى ۋاقتىنچە توختىتىش» توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، شەرتنامىنىڭ باش مەقسىتى ۋە نىشانىنى قوغداشقا دەۋەت قىلىمىز.بىز،ئامېرىكىنىڭ خەلقئارانىڭ ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ،خەلقئارا يادرو ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ۋە يادرو قوراللارنى كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشىنى،يەر شارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش يولىدا بارغانسېرى يىراقلاپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو ئامېرىكىنى يادرو سىنىقىنى ۋاقتىنچە توختىتىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ