ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: يەر شارىدا يۇقۇم ئېغىرلاشماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-09 16:56

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە: ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 10 غىچە، «بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 16» گىچە، يەر شارىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار ئالدىنقى كۈندىكىدىن 131 مىڭ 296سى كۆپىيىپ، 6 مىليون مىڭغا يەتكەن، قازا قىلغانلار ئالدىنقى كۈندىكىدىن 3 مىڭ 469 كۆپىيىپ، 400مىڭ 857 گە يەتكەن.

ئامېرىكا جونىس خوپكېنىس داشۆسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە: بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 5 دىن 33 مىنۇت گىچە يەر شارىدا دىياگنوز قويۇلغان بىمار 7 مىليون 85مىڭ894 گە يەتكەن، قازا قىلغانلار 405 مىڭ168 گە يەتكەن. ئامېرىكا يەر شارى بويىچە يۇقۇم ئەڭ ئېغىر دۆلەت بولۇپ، دىياگنوز قويۇلغان بىمار 1 مىليون 956 مىڭ 499 غا يەتكەن، قازا قىلغانلار 110 مىڭ 932 گە يەتكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: يەر شارىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېغىرلاشماقتا، ئۆتكەن 10 كۈننىڭ 9 كۈنىدە ھەر قايسى دۆلەتلەر مەزكۇر تەشكىلاتقا دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، 6-ئاينىڭ 7-كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سان بولۇپ ھېسابلاندى.



中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: يەر شارىدا يۇقۇم ئېغىرلاشماقتا

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە: ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسىم