ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەتئەللەردىكى ئەربابلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكى يېتەرلىك، يوشۇرۇن كۈچى زور دەپ قارىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-17 09:40

جۇڭگو دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 5-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.4 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 4-ئايدىكىدىن 0.5 پوئېنت تېز بولغان، مۇلازىمەتچىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگەرگەن، ئاساسلىق ئىقتىساد كۆرسەتكۈچلىرى سىجىل ياخشىلانغان، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ ئەسلىگە كېلىش ھالىتى داۋاملاشقان. چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە سودا ساھەسىدىكى ئەربابلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، گەرچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى-جۇڭگو ئىقتىسادىغا غايەت زور خىرىس ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكى يېتەرلىك، يوشۇرۇن كۈچى زور، داۋاملىق مۇقىملىشىپ ئەسلىگە كېلىدۇ دەپ قارىدى.

ئەنگلىيە ئوكسىفورد ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئاسىيا رايونى ئىقتىساد تەتقىقات مەسئۇلى گائۇل لۇئى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 5-ئايدا، جۇڭگودىكى كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى يەنىمۇ تېزلەشتى، مەبلەغ سېلىش ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى، ئائىلە ئىستېمال ۋەزىيىتىمۇ زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. بۇ سانلىق مەلۇماتلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئوربىتىسىغا كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

گائۇل لۇئى مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مالىيە ۋە پۇل سىياسىتى قورالى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دوكلاتتا، بۇ يىللىق قىزىل رەقەم نىسبىتىنىڭ %3.6 بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى، مالىيە قىزىل رەقىمى كۆلىمىنىڭ بۇلتۇرقىدىن بىر تىرىليون يۈەن ئاشىدىغانلىقى ئايان بولدى. دوكلاتتا يەنە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، قايتا قەرز بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ھەر تەرەپلىمە قوللىنىپ، كەڭ مەنىدىكى پۇل تەمىنات مىقدارى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى ئاشۇرۇش سۈرئىتىنى بۇلتۇرقىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولۇشقا يېتەكلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

كورېيە NH مەبلەغ سېلىش ۋە ئاكسىيە شىركىتىنىڭ تەھلىلچىسى پاك رېنكىم جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۈرۈش قوزغىتىش سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلىرىنىڭ پايدىسىدىن، جۇڭگو ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىش ئوربىتىسىغا كىردى. جۇڭگو ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىدىن سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ، مەبلەغ سېلىش ئەھۋالىنىڭ كۆزلىمىدىن ياخشى بولۇۋاتقانلىقى؛ ئىستېمال جەھەتتە، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئاپتوموبىل بازىرى ئېھتىياجىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقى ئايان بولدى.

پاك رېنكىم جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ تىزگىنلەش بوشلۇقى بار، مەن ئىقتىسادنىڭ ئەمەلىي تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئاساسەن، مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن دېدى.

ياپونىيە بىرىنچى ھاياتلىق ئىقتىسادى تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى يىشاماتورۇ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو يۇقۇمنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنى بالدۇر تىزگىنلىگەنلىكتىن، جۇڭگو ئىقتىساد پائالىيىتىنىڭ نورماللىشىشى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، يۇقۇمنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا كۆرسەتكەن تەسىرى تۈگىگەن.

سىنگاپور دۆلەتلىك داشۆسى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتخانىسىنىڭ ياردەمچى باشلىقى چېن گاڭ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىدا مۇقىملىشىپ ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى، مال ئېكسپورتى قاتارلىقلار ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشى-داۋاملىشىدۇ ۋە مۇقىم بولىدۇ.

مالايسىيە تىنچ ئوكيان تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى خۇ يىشەن مۇنداق دەپ قارىدى: دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادقا بولغان كەسكىن خىرىسىغا دۇچ كەلدى، مۇشۇنداق چوڭ مۇھىت يەنە جۇڭگوغا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو بىر قىسىم ئىقتىساد ساھەلىرىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئېچىۋەتسە بولىدۇ شۇنداقلا جۇڭگو ئىقتىسادىمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەرەققىيات سۈپىتىنى تېرىشىپ ئۆستۈرىدۇ.

گېرمانىيە كېل دۇنيا ئىقتىسادى تەتقىقاتخانىسىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى رولف لاڭخاممېر نۆۋەتتە يەر شارىنىڭ تەمىنات زەنجىرى ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، مەن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىن ئىنتايىن ئۈمىدۋارمەن دېدى.

سىمېنىس بۈيۈك جۇڭخۇا رايونىنىڭ لىدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ھېلمان دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان جۇڭگو غايەت زور ئىچكى بازار ئېھتىياجى ۋە مۇكەممەل كەسىپ قىممەت زەنجىرىگە ئىگە، بۇ-جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ دېدى.

ھېلمان مۇنداق دېدى: قىسقا مۇددەتتىن قارىغاندا، يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسى-يۇقۇمدىن كېيىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، ئالاقىدار كارخانىلارغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك بازار پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا، 5G، سۈنئىي ئاقىل، سانائەت ئىنتېرنېتى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق رەقەملەشكەن تېخنىكا ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىش-جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى تېخنىكا ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چەتئەللەردىكى ئەربابلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكى يېتەرلىك، يوشۇرۇن كۈچى زور دەپ قارىدى

5-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.4 ئاشقان