ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قاتناش تورىنى زىچ توقۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرەيلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-17 16:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا، قاتناش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى-ناھايىتى كۈچلۈك باشلامچىلىق رولىغا ئىگە دەپ كۆرسەتتى. بۇ يىل، ئېلىمىز قاتناش-تىرانسپورت تورىنى زىچ توقۇشنى تېزلىتىپ، بىخەتەر، يېشىل، قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسىنى قۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا، خېنەننىڭ شاڭچيۇ، ئەنخۇينىڭ خېفېي، جېجياڭنىڭ خاڭجۇنى تۇتاشتۇرىدىغان شاڭچيۇ-خېفېي-خاڭجۇ تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدۇ. بۇ پەقەت بۇ يىللىق چاڭجياڭ دېلتىسىدا قاتناش باشلىنىش پىلانلانغان تۆمۈريوللارنىڭ ئىچىدىكى بىر بۆلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چاڭجياڭ دېلتىسى تۆمۈر يوللىرىدىن بۇ يىل يەنە نەنتۇڭ-شاڭخەي تۆمۈريولى، ليەنيۈنگاڭ-جېنجياڭ تۆمۈريولى، چۈجۇ-نىڭدې تۆمۈريولى قاتارلىق سەككىز تۆمۈريولدا قاتناش باشلىنىدۇ، يېڭى لىنىيەنىڭ مۇساپىسى مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.

شاۋ شياۋخۇا-يېڭى نەنتۇڭلۇق، بىر نەچچە يىل بۇرۇن، ئۇ شىركىتىنى شاڭخەيدىن نەنتۇڭ شەھىرى گاڭجا رايونىغا ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈپ كەلدى، ئۇ ھەر ھەپتىدە شاڭخەي بىلەن نەنتۇڭ ئارىسىدا ئاز دېگەندە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق سەپەر قىلىدۇ، تاشيولدىكى ماشىنا قىستاڭچىلىقى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى ئىدى.

چاڭجياڭ دېلتىسىدىن سىرت، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ شەھەرلەر توپى بىلەن خۇنەننى تۇتاشتۇرىدىغان چۇڭچىڭ-خۇەيخۇا تۆمۈريولى، گۈيجۇنىڭ ئەنشۈن-ليۇپەنشۈي تۆمۈريولى، فۇجۇ-پىڭتەن تۆمۈريولى قاتارلىق شەھەرلەر ئارا تۆمۈريوللارنىڭ ھەممىسى ياسىلىش ۋە بىرلىشىپ تەڭشەش، بىرلىشىپ سىناش مەزگىلىدە تۇرماقتا. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، تۆت مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق تۆمۈريول پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدۇ، سەككىز مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يېڭى لىنىيە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

نۆۋەتتە، خۇنەن ئۆلكىسى شۈپۇ ناھىيەسى چىڭلۇڭشى كەنتىدىكى سېمونت يولنىڭ ئاخىرقى بىر بۆلىكى ياسىلىۋاتىدۇ، بۇ-چىڭلۇڭشى كەنتىدىكى 23 كەنت ئاھالىسى گۇرۇپپىسىنىڭ قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى قىيىن نۇقتىسى. كەنت ئاھالىسى جاڭ كېفۇ كەنتتىكى سېمونت يولنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلەي دەپ قالغىنىنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدى. ئۇنىڭ كالا فېرمىسىدىن تۆت كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كەنتكە بارىدىغان پەقەت بىرلا ئوڭغۇل-دوڭغۇل شېغىللىق تاغ يولى بار ئىدى، يامغۇر پەسلى يېتىپ كەلگەن ھامان، سېتىۋالغۇچىلار ئىشىك ئالدىغا كېلىشنى خالىمايتتى، دېيىشىپ بولغان سودا يوققا چىقاتتى.

يەنە بىر كۈندىن كېيىن يول پۈتىدۇ، جاڭ كېفۇ يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن قوتاندىن چىقىرىدىغان يۈزگە يېقىن گۆش كالىسى زاكاز قىلىنىپ بولدى. ئەمدى ئۇ بىرلەشمە گۇرۇپپىدىكى 25 كەنت ئاھالىسىدىن كوپىراتىپ تەشكىللەپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى 300 تۇياققا يەتكۈزۈپ، ئىشىك ئالدىدىكى يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلارنى ھەقىقىي قىممەتلىك بايلىققا ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىدى. بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن خۇنەندىكى تەبىئىي كەنتلەرنىڭ ھەممىسى تاشيول بىلەن تولۇق قاپلىنىدۇ.

بۇ يىل، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تېخى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى قاتنىمىغان 12 يېزا-بازاردىكى 287 مەمۇرىي كەنتكە يولۇچىلار ئاپتوبۇسى سېلىشنى تېز ئىلگىرى سۈرىدۇ شۇنداقلا ھەممە كەنتكە تاشيول تۇتاشتۇرۇشنى تارقاق تەبىئىي كەنتلەرگىچە كېڭەيتىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا ھەر قانداق بىر جاينىڭ قاتناش سەۋەبىدىن سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

تۆمۈريول، تاشيول جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىمۇ چەت-يىراق جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مەدەت بەردى. بۇ بىر نەچچە كۈندە، شىنجاڭ كېرىيە گۈيمى بىيو پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئادىل ناھايىتى ئالدىراش بولدى، يىل ئاخىرىدا كېرىيە ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلىنىشتىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ھەر كۈنى يېڭىدىن كېڭەيتىپ سېلىنغان گۈلقەنت، قىزىلگۈل شەربىتى ئايرىش سېخىغا بېرىپ، ئەسلىھەلەرنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ماسلاشتۇردى.

كېرىيە ناھىيەسى-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئېغىر نامرات ناھىيە. بۇلتۇر، دۆلەت بۇ يەردە مەبلەغ سېلىپ، يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 180 مىڭ ئادەم قېتىمغا، مال كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى 400 تونىغا يېتىدىغان تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىنى مەخسۇس سېلىشنى پىلانلىدى. ھازىر، ئايرودۇرۇمنىڭ ئۇچۇش يولىغا بېتون قۇيۇش ۋە ئاۋىياتسىيە بىناسى قۇرۇلۇشى قىلىنماقتا، ئۇچۇش رايونىدىكى قۇرۇلۇش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %60 ى تاماملاندى.

نۆۋەتتە، ياسىلىۋاتقان چۇڭچىڭ ۋۇلۇڭ، شىنجاڭ كېرىيە قاتارلىق تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 160 تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىغا ئوخشاش، يەرلىكنىڭ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قاتناش تورىنى زىچ توقۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرەيلى

ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا، قاتناش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى-ناھايىتى كۈچلۈك باشلامچىلىق رولىغا ئىگە دەپ كۆرسەتتى.