ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيەنىڭ كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن «مەخپىي سۆزلىشىشى» نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-02 09:12

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ: ئىسرائىلىيە ھازىر كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا مەخپىي سۆزلىشىۋاتىدۇ، دېدى.

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 30-ئاۋغۇست يېرۇسالېمدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە ھازىر كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا مەخپىي سۆزلىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسرائىلىيە-ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى 31-ئاۋغۇست ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە باردى، ئۈچ تەرەپ ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چوڭ مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيە بىلەن يېقىنلىشىشقا باشلىدى، لېكىن پەلەستىن مەسىلىسى، خەلق ئارىسىدىكى ئارازلىق قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن، بۇ دۆلەتلەر ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشقا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئامېرىكىنىڭمۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئويلىغىنى بار. شۇڭا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۈزلىنىشىنى يەنە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

نىتانىياخۇ 30-ئاۋغۇست يېرۇسالېمدا زىيارەتكە بارغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى ئوبرېن ۋە ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى كۇشنېر بىلەن كۆرۈشتى. نىتانىياخۇ كۆرۈشۈشتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى ئىسرائىلىيە بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەردى». نىتانىياخۇ يەنە: «ھازىر ئىسرائىلىيە كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن مەخپىي سۆزلىشىۋاتىدۇ،دېدى.

ئوبرېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىكى يەنىلا ئامېرىكىنىڭ «ئالىي تاللىشى»، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى پارلاق. كۇشنېر: «ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، خەۋپسىزلىك ۋە دىن ھەمكارلىقى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەردى» دېدى.

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئىشخانىسى مۇنداق دېدى: 31-ئاۋغۇست ئوبرېن بىلەن كۇشنېر ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مېئېر بىن سابات باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە بېرىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئاۋىياتسىيە، ساياھەت، سودا، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، سەھىيە، ئېنېرگىيە، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.

ئۇندىن باشقا ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا يەنە بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئوتتۇرا شەرق «تىنچلىقى باشلىقلار يىغىنى» ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋېتىپتۇ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئىسرائىلىيەدىن باشقا، سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، ئىيوردانىيە، بەھرەين ، ئومان، ماراكەش، سۇدان قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى تەكلىپ قىلىنىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدا ئىكەن.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇپ، رايون تەنھالىقىنى بۇزۇپ تاشلاش ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرى ئىنتىلىدىغان نىشان بولۇپ كەلدى. «ئەرەب باھارى»دىن كېيىنكى ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرقنىڭ رايون سىياسىيسىدا ئۆزگىرىش بولدى، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇمىي كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئىراننىڭ رايوندىكى كۈچىنىڭ زورىيىشى، ئەسەبىيلىكنىڭ يامىرىشى، يەنە كېلىپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ ھەرقايسى جايلارغا «قول سوزۇشى»غا ئەگىشىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى دۇچ كەلگەن تاشقى بېسىم بارغانسېرى زورىيىپ، ئوخشاش بىر «ئاكوپ»قا كىرىپ تاقابىل تۇرۇش قەدىمى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىدىن قارىغاندا، نىتانىياخۇ دىپلوماتىيە نەتىجىسىگە جىددىي ئېھتىياجلىق. ئۇ كۆك ئاق پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى گانتىس بىلەن تەشكىللىگەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت خامچوت لايىھەسى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىختىلاپى تۈگىمىدى. دىپلوماتىيە تاختىسىنى كۆتۈرۈۋېلىش ئارقىلىق خەلق رايىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىپ، چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈپ، كۆك ئاق پارتىيەسىنى ئىسكەنجىگە ئېلىش نىتانىياخۇنىڭ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان بىر چوڭ نىشانى.

لېكىن، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئونىڭ يېقىندا ئوتتۇرا شەرقتىكى بەش دۆلەتكە قىلغان زىيارىتىنىڭ ئۈنۈمىدىن قارايدىغان بولساق، كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى.
مۇتەخەسسىسلەر: «ھازىر ئامېرىكىنىڭ چوڭ سايلىمى يېقىنلاپ قالدى، سەئۇدى ئەرەبىستانى باشچىلىقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئەندىشىسى بولغاچقا، ۋەزىيەتنى كۆزەتمەكتە، شۇڭا يېنىكلىك بىلەن ئىش قىلىشنى خالىمايدۇ» دەپ قارىدى.

ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەھۇدىيلار ئەۋلادى ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى كۇشنېرنىڭ بۇ سەپىرى ئالدى بىلەن 11-ئايدىكى ئامېرىكا چوڭ سايلىمى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى ليۇ چاڭ مۇنداق دېدى: چوڭ سايلام قانچە يېقىنلاشقانسېرى، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى تەڭشىشى شۇنچە روشەنلەشمەكتە. تىرامپ ئىسرائىلىيە بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدىكى مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسىنى يېڭىلاپ، تېخىمۇ كۆپ سايلىغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، «دەرھال ئۈنۈم ھاسىل قىلىش»تەك دىپلوماتىيە ئۈستۈنلىكى ئارقىلىق سايلىغۇچىلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا. ليۇ چاڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرامپنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا ئېلان قىلغان ئاتالمىش «ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق يېڭى پىلانى» نى يولغا قويۇشىغا پايدىلىق. بۇنىڭدىن باشقا، تىرامپ ھۆكۈمىتى سايلام رىقابىتى بېسىمىغا ئۇچراپ، ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىشى ئاجىزلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئىراننى جازالاش، بېسىم ئارقىلىق ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىيىتىدىن يەنىلا يانمىدى.

تاشقى ساھە ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىرانغا قارىتىلغان ئىستراتېگىيەلىك بېسىمنى زورايتىدۇ، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ كۈچ سىنىشىشى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئامېرىكا بىلەن ئۇنىڭ رايون ھەمراھلىرى ۋە ئىتتىپاق سىستېمىسىنىڭ ئىران ۋە ئۇنىڭ رايون ھەمراھلىرى ۋە ۋاكالەتچى تورى ئوتتۇرىسىدىكى جۇغراپىيەلىك رىقابەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىدۇ.

1948-يىلى ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئەرەب دۆلەتلىرى بىر تەرەپ، ئىسرائىلىيە يەنە بىر تەرەپ بولۇپ، بەش قېتىم ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى يۈز بەردى. گەرچە ھازىرقى چوڭ مۇھىت تېخىمۇ كۆپ ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئىسرائىلىيە بىلەن يەنە بىر قېتىم يېقىنلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى يادرولۇق مەسىلە بولغان پەلەستىن مەسىلىسى تېخى ھەل بولمىدى، خەلق ئارىسىدىكى ئارازلىق يەنىلا مەۋجۇت، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يەنىلا ۋاقىت كېتىدۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يۆنىلىشىنى يەنە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

13-ئاۋغۇست، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئامېرىكىنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، مۇناسىۋەتنى ئومۇميۈزلۈك نورماللاشتۇرۇشقا قوشۇلدى. ئۈچ تەرەپ بىرلىشىپ بايانات ئېلان قىلىپ: بۇ «دىپلوماتىيەدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش» ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دېدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئىسرائىلىيە كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە مەبلەغ سېلىش، ساياھەت، بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە قاتنىشى، خەۋپسىزلىك، ئۆز ئارا ئەلچىخانا تەسىس قىلىش قاتارلىق كېلىشىملەرنى ئىمزالايدۇ.

ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا مىسىر ۋە ئىيوردانىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيەنىڭ كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن «مەخپىي سۆزلىشىشى» نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ: ئىسرائىلىيە ھازىر كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا مەخپىي سۆزلىشىۋاتىدۇ، دېدى.