ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز ئاشلىق تەمىنات زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-08 18:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋۇفېڭ 9-ئاينىڭ7-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاشلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق تەمىنات زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق تەمىنات زەنجىرىنىڭ خەۋپ- خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

جاڭ ۋۇفېڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، زاپاس ساقلاش، ئوبوروت ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى، جۇڭگوچە ئاشلىق بىخەتەرلىكى يولى بارغانسېرى كېڭەيدى. مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا بەش يىل 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭ بولۇش ھالىتىنى ساقلىدى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە مىقدارى خەلقئارا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى سىزىقىدىن، ئامبار قالدۇقى ئىستېمالى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا قويغان بىخەتەرلىك ئېھتىيات سىزىقىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى، شال، بۇغداي زاپىسى بىر يىلدىن ئارتۇق ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئاشلىقتا خەلقئارا ئالاقە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، دۇنيا ئاشلىق تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى پائال قوغداش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاشلىق خەلقئارا سودىسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئاشلىقنىڭ ئىمپورت مەنبەسى، يولى ۋە قۇرۇلمىسىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئەمەلىي كۈچى بار تېخىمۇ كۆپ ئاشلىق كارخانىلىرىنى «سىرتقا يۈزلەندۈرۈپ »، ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق ئۆز ئارا تولۇقلاپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز ئاشلىق تەمىنات زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ

دۆلەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي