ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھىندىستاندا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 4 مىليون 200 مىڭدىن ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-08 18:35

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا جون خوپكىنس داشۆسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 7 دىن 56 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، يەر شارى بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى27 مىليون 235 مىڭ 839 غا، قازا قىلغان بىمار 890 مىڭ 687 گە يەتكەن. ئامېرىكا دۇنيا بويىچە دىياگنوز قويۇلغان ۋە قازا قىلغان بىمار ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، دىياگنوز قويۇلغان بىمار 6 مىليون 299 مىڭ 169غا، قازا قىلغان بىمار 189 مىڭ 166 گە يەتكەن.

ئامېرىكا جون خوپكىنس داشۆسى ئېلان قىلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 7 -كۈنى سائەت 12 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، ھىندىستاندا يۇقۇملانغان بىمار 4 مىليون 200 مىڭدىن ئېشىپ، بىرازىلىيەدىن ھالقىپ دۇنيا بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىمارلىرى سانى جەھەتتە 2- ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولۇپ قالغان.

مالايسىيادا ئۆتكەن 24 سائەتتە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىمارىدىن62 سى يېڭىدىن كۆپىيىپ، 6-ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سانغا يەتكەن؛ كۆپ قىسىم يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار شابا ئىشتاتىدىكى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇش ئەسلىھەلىرى ۋە تۈرمە قاتارلىق جايلاردا كوللېكتىپ يۇقۇملىنىش ۋەقەسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.














中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھىندىستاندا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 4 مىليون 200 مىڭدىن ئاشتى

ئامېرىكا جون خوپكىنس داشۆسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا