ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

داليەن شەھىرى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-08 19:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

داليەن شەھىرى بۇ يىل يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ئالدىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ -تىزگىنلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، « كاپالەتلىك قىلىش» تا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ، «مۇقىملاشتۇرۇش» تا كۈچ چىقىرىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىش ئارقىلىق بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىدى.

تەن زوجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى ئۇشتۇمتۇت يۇقۇم ئالدىدا، داليەن شەھىرى دەل ئالدىنى ئېلىپ-تىزگىنلەپ، 25 كۈندىلا پۈتۈن شەھەرنىڭ خەتىرى تۆۋەن رايون بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئىقتىساد ، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ نورماللىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈردى، 39-كۈنى بالنىستتا ياتقانلار دوختۇرخانىدىن چىقىپ بولدى. داليەن شەھىرى بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق،«ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»،« ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بازار سۇبيېكتىغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزىدىغان 100 گە يېقىن سىياسەت تەدبىرىنى چىقاردى. 3-ئايدىن باشلاپ، داليەن شەھىرىنىڭ سانائەت كۆپەيمە قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرىتى ئۇدا تۆت ئاي مۇسبەت ئاشتى؛ ئۆتكەن يېرىم يىلدا كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ كۆپەيمە قىممىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن4.3 پويىنت، سانائەتتە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى9.8 پويىنت ئاشتى.

تەن زوجۈن مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، بىز يېڭىدىن 12 مىليارد يۈەن باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بەردۇق، بازار سۇبيېكتىگە، تەمىنات زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. بۇ ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئاخىرقى نىشانىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، داليەن شەھىرى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، تور ۋە تور سىرتىدا تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەپ، تېخنىكا ماھارەت تولۇقلىمىسى تارقىتىپ، كارخانىلار ۋە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى كەسىپ ۋە دەل مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، «كۆپچىلىكنى كىرىمگە، ئائىلىسىنى كاپالەتكە» ئىگە قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە كىرگۈزۈپ، شەھەرنىڭ تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ جۇغلىدى.

داليەن شەھىرى « نۇقتىلىق تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى مۇلازىمىتى خوجىلىق تۈزۈمى» قاتارلىق تۈزۈم، تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا چىقىرىپ، قىسمەن نۇقتىلىق تۈرلەردە ۋەزىيەتكە قارشى مەبلەغ كۆپەيتىشكە تۈرتكە بولدى. 3-ئاينىڭ بېشىدا، ياپونىيە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى يېڭى زاۋۇت تۈرىدە ئىش باشلىنىپ، 100 مىليارد ياپونىيە يېنىدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىندى؛ پۈتۈن شەھەرنىڭ چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ 2-پەسىلدە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %100 گە، ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى %107.6 گە يەتتى. داليەن شەھىرى ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ تىپىنى ۋاقتىدا تەڭشىدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، داليەندىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى %27.73، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.9 پويىنت ئېشىپ، ئېچىۋېتىشنى كۈچەيتىشنىڭ تايانچ كۈچىگە ئايلاندى.

داليەن شەھىرى يەنە يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى « يۇقىرى، نازۇك» گۈللەنمە كەسىپ ساھەسىگە قاراتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، داليەننىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى تەتۈر ئېشىپ، كۆلەملەشكەن رەقەملىك ئىقتىساد كارخانىلىرىنىڭ كۆپەيمە قىممىتى 22 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.7 ئاشتى. 5G تورى شەھەر رايونى ۋە ناھىيە بازىرى مەركىزىي رايونلىرىنى قاپلىدى. داليەن شەھىرى تىجارەت سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، ئادەتتىكى كارخانىلارنىڭ رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋاقتىنى تۆت سائەتكە قىسقارتتى. بۇيىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن شەھەردە يېڭىدىن كۆپەيگەن بازار سۇبيېكتى 57 مىڭدىن ئاشتى، توردا بېجىرىش نىسبىتى %98.47 گە يەتتى.








中央广播电视总台 央广网 版权所有

داليەن شەھىرى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتتى

داليەن شەھىرى بۇ يىل يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ئالدىدا، يۇقۇمنىڭ