ھىندىستان قاتارلىق بەش دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بىرەسمىي دائىمىي ئەزا دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلىدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:
ھىندىستان، ئىرېلاندىيە، كېنىيە، مېكسىكا ۋە نورۋېگىيەدىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمى1-ئاينىڭ 4-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىن زالىنىڭ سىرتىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ بەش دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بىرەسمىي دائىمىي ئەزالىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا باشلانغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ھىندىستان قاتارلىق بەش دۆلەت گېرمانىيە، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى، جەنۇبىي ئافرىقا، بېلگىيە ۋە ھىندونېزىيەنىڭ ئورنىغا، 1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بىرەسمىي دائىمىي ئەزا دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلىدى، ئۇندىن باشقا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بىرەسمىي دائىمىي ئەزادىن ئېستونىيە، نىگېر، ۋىنسېنت، تۇنىس ۋە ۋىيېتنامدىن ئىبارەت بەش دۆلەت بار.