ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە ئۈچ تەرەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ناگورنو-قاراباغ رايونىنى قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-12 16:05

رۇسىيە كىرېمل سارىيى تور بېكىتىنىڭ 11-يانۋار ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئالىيېف ۋە ئەرمېنىيە زۇڭلىسى پاشىنيان شۇ كۈنى موسكۋادا سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەمدە ئۈچ تەرەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قوللاش، ناگورنو-قاراباغ رايونىنى قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىش ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئىمزالىدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى پۇتىن ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى بىرلىكتە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئۈچ تەرەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش پىلانىنى قوللايدۇ، خىزمەت گۇرۇپپىسى ناگورنو-قاراباغ رايونىدا ئىقتىساد ـ سودا، تىرانسپورتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە ناگورنو-قاراباغ رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە ئۈچ تەرەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ناگورنو-قاراباغ رايونىنى قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئالىيېف ۋە ئەرمېنىيە زۇڭلىسى پاشىنيان شۇ كۈنى موسكۋادا سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەمدە ئۈچ تەرەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قوللاش، ناگورنو-قاراباغ رايونىنى قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىش ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئىمزالىدى.