ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ يېقىندا قايتىدىن ئېچىۋېتىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-21 15:56

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن سىرتتىكىلەرگە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ يېقىندا قايتىدىن ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. 2017ـ يىلى 6ـ ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىر قاتارنىڭ «تېررورلۇقنى قوللىغانلىقى» ۋە «رايون بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى»نى باھانە قىلىپ، قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان، شۇنىڭ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىمۇ تاقالغان. كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن قاتار 1-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە قارشى تەرەپكە ھاۋا تەۋەلىكىنى ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ئىككىنچى كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش كىرىزىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان «ئولېر خىتابنامىسى» نى ئىمزالىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ يېقىندا قايتىدىن ئېچىۋېتىلىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن سىرتتىكىلەرگە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قاتاردا