ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا ـ جۇڭگو سودىسى مەملىكەتلىك كومىتېتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان تاموژنا بېجىنى ئازايتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-21 15:56

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا ـ جۇڭگو سودىسى مەملىكەتلىك كومىتېتى بىلەن ئوكسفورد ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتى يېقىندا بىرلىشىپ دوكلات ئېلان قىلىپ: ئامېرىكا جۇڭگوغا قارىتىلغان سودىغا مەبلەغ سېلىشتىن نەپ ئالدى، جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىقتىساد ـ سودا سۈركىلىشى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزدى دېدى. دوكلاتتا: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان تاموژنا بېجىنى ئازايتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا بەخت يارىتىشى مۇراجىئەت قىلىندى. دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، 2018ـ يىلىدىن 2019ـ يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىقتىساد ـ سودا سۈركىلىشى ئۈچۈن تۆلىگەن ئىقتىسادىي تەننەرخى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %0.5 ئىنى ئىگىلەيدىكەن، 2020ـ يىلىدىكى باھا بويىچە ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 108 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىقتىساد ـ سودا سۈركىلىشى ئامېرىكىنى بىر مەھەل 245 مىڭ ئىش ئورنىدىن مەھرۇم قالدۇردى. 2019ـ يىلى جۇڭگوغا قارىتىلغان ئېكسپورت ئامېرىكىدىكى 1 مىليون 200 مىڭ ئىش ئورنىغا تىرەك بولدى.
دوكلاتتا تەھلىل قىلىنىشىچە، ئەگەر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد ـ سودا سۈركىلىشى داۋاملىق كۈچەيسە، ئامېرىكا بەش يىل ئىچىدە ئەمەلىي ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىر تىرىليون 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيانغا ئۇچرىشى، ئىش ئورنى زىيىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 732 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا ـ جۇڭگو سودىسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى كرايگ ئاللېن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بولغان سودا ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.















中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا ـ جۇڭگو سودىسى مەملىكەتلىك كومىتېتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان تاموژنا بېجىنى ئازايتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

ئامېرىكا ـ جۇڭگو سودىسى مەملىكەتلىك كومىتېتى بىلەن ئوكسفورد ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتى يېقىندا بىرلىشىپ دوكلات ئېلان قىلىپ: