ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئوباما ئەر-خوتۇن قورقۇنچلۇق فىلىم ئىشلىمەكچى

مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-19 10:51

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 5-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە ئۇنىڭ خانىمىنىڭ فىلىم ئىشلەش شىركىتى جۈمە كۈنى بۇ شىركەتنىڭ نەتفلكىس شىركىتىگە ئالتە يېڭى فىلىم ئىشلەپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئۆزگىچە مۇھەببەت تىياتىرى ۋە بىر قورقۇنچلۇق فىلىم بارلىقىنى جاكارلىغان.

نەتفلكىس شىركىتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئوباما ئەر-خوتۇننىڭ ئېگىزلىك فىلىم ئىشلەش شىركىتى پاكىستانلىق پۇشتىدىن بولغان ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى مۇھسىن خەمىدنىڭ «غەربكە قېچىش» ناملىق ھېكايىسىنى كىنو قىلىپ ئىشلەيدىكەن. روماندا بىر جۈپ ياش ئەر-خوتۇننىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقا جايلارغا ئاپىرىپ قويىدىغان سىرلىق ئىشىكنى تاپقان ھەمدە يەر شارىدا مۇساپىرلار كىرىزىسى يۈز بەرگەندە، بۇ جايلارغا بېسىپ كىرگەن.

باشقا فىلىملەر «سۈنئىي ھەمراھ» ناملىق ئىلمىي فانتازىيەلىك كىنونى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. يەنە بىرى «تېنزىڭ» ناملىق فىلىم بولۇپ، ئۇنىڭدا نېپاللىق ئەر تېنزىڭ بىلەن يېڭى زېلاندىيەلىك سېر ئېدموند ھىلارىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققانلىقى بايان قىلىنغان. يەنە بىرى «ياش ئايال» ناملىق ھېكايە فىلىم ئىكەن.

ئېگىزلىك فىلىم ئىشلەش شىركىتى يەنە ئىككى تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلەيدىكەن. بىرى ئانجېلىن براينىڭ چوڭلار رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «يالقۇن ساقلىغۇچىنىڭ قىزى» ناملىق قورقۇنچلۇق فىلىم، يەنە بىرى دۆلەت باغچىسى توغرىسىدىكى تەبىئىي ھۆججەتلىك فىلىم ئىكەن.

نەتفلكىس شىركىتى بۇ يېڭى فىلىملەرنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئوباما ئەر-خوتۇن 2018-يىلى نەتفلكىس شىركىتى بىلەن ئۇزۇن يىللىق فىلىم ئىشلەش كېلىشىمى ئىمزالىغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئوباما ئەر-خوتۇن قورقۇنچلۇق فىلىم ئىشلىمەكچى

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 5-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە ئۇنىڭ