ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گۇتېررېس جۇڭگو-ئامېرىكا يۇقىرى قاتلام ئۇچرىشىشىدا ئىجابىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىنى كۈتمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-03-18 16:56

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

3-ئاينىڭ 16-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېسنىڭ باياناتچىسى،-گۇتېررېس پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو ئامېرىكا يۇقىرى قاتلام ئۇچرىشىشىنىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى.

گۇتېررېسنىڭ باياناتچىسى دىيارىك 3-ئاينىڭ 16-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا گۇتېررېسنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو-ئامېرىكا يۇقىرى قاتلام ئۇچرىشىشىدىن قانداق ئۈمىد كۈتۈدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: بىز ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئىنتىزار. بىز جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھالقىلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىش يولىنى تېپىشىنى، بولۇپمۇ كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن كېيىنكى دۇنيانى قايتا قۇرۇش يولىنى تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا جىددىي مۇناسىۋەت ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت، لېكىن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق يولىنى تېپىشى كېرەك.

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 3-ئاينىڭ 11-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى برىنكولىن، زۇڭتۇڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى سۇلۋىن بىلەن 3-ئاينىڭ 18-،19-كۈنلىرى ئانكورېجتا جۇڭگو-ئامېرىكا يۇقىرى قاتلام ئىستراتېگىيەلىك سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有