ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 76 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەربىي پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-10 15:34

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيە 5-ئاينىڭ 9-كۈنى موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا كاتتا ھەربىي پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 76 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ھەربىي پارات مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: غەلىبە كۈنى رۇسىيە خەلقىنىڭ مۇقەددەس بايرىمى، پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەنمۇ زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر ناتسىستلىق ئېڭى باش كۆتۈرۈپ قالدى، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تارىخنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. رۇسىيە دۆلەت مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ. رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى ئارمىيە تۈرلىرىدىن 12 مىڭدىن ئارتۇق خادىم پاراتقا قاتناشتى، پاراتقا قاتناشقان بارلىق خادىملار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەتتى. ھەربىي پارات مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، پۇتىن بىلەن تاجىكىستان زۇڭتۇڭى پېشقەدەم ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە نامسىز قەھرىمانلار قەبرىستانلىقىغا گۈل چەمبىرەك قويدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 76 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەربىي پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

رۇسىيە 5-ئاينىڭ 9-كۈنى موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا كاتتا ھەربىي پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى