جۇڭگو ۋەكىلى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتىدە ب د ت تىنچلىق بەرپا قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاڭ جۈن 5-ئاينىڭ 10-كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5-ئايدىكى نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەكلىپكە بىنائەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق بەرپا قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۆزئارا سۆھبەتلىشىپ، ئافرىقىنىڭ يۇقۇمىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، توقۇنۇشنىڭ مەنبەسىنى تۈگىتىش قاتارلىق قارالمىلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.