ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېلارۇسىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى توزىكنى زىيارەت

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-25 10:25

بېلارۇسىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى توزىك جۇڭگو كومپارتىيەسى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا مول تەجرىبىگە ئىگە، خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى، ئۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان سىياسىي كۈچ،دېدى.

بېلارۇسىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى توزىك بۇ جۇڭگو كومپارتىيەسى 100 يىلدىن بۇيان تېپىلغۇسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىنى تېپىپ چىقتى،دېدى. ئۇ يەنە جۇڭگو كومپارتىيەسى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا مول تەجرىبىگە ئىگە، خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى، ئۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان سىياسىي كۈچ،دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: 100 يىلدىن بۇيان، بۇ پارتىيە ئۆزگىچە بىر يولنى تاپتى، بۇ دۇنيا تارىخىدا كەم ئۇچرايدۇ.

توزىك مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى خەلققە سادىق، جۇڭگو ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك نىشاننى ئېنىق چۈشىنىدۇ، بۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو يېرىم مۇستەملىكە، بىر قەدەر قالاق يېزا ئىگىلىك دۆلىتىدىن قۇدرەتلىك، تېز تەرەققىي قىلغان دۆلەتكە ئايلاندى، بۇنى ھېچقانداق دۆلەت قىلىپ باقمىغان.

توزىك 2006-يىلدىن 2011-يىلغىچە بېلارۇسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان، كېيىن بېلارۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغان. ئۇ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بېلارۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغان مەزگىلدە بېلارۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئىشلىرىغا ئۇزۇن مەزگىل مەسئۇل بولغان. توزىك 2014-يىلى مۇئاۋىن زۇڭلىلىق ئورنىدىن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، بېلارۇسىيە دۆلەتلىك داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ بېلارۇسىيە تەرەپ مۇدىرى بولۇپ، جۇڭگونى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ۋە جۇڭگو تىل مەدەنىيىتىنى كېڭەيتىش، بېلارۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقارغان.

توزىك مۇنداق دەپ قارىدى: 2020-يىلى جۇڭگو ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل بولدى. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى؛ جۇڭگو پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىپ، پۈتۈن دۇنياغا نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئىسپاتلىدى؛ جۇڭگو يەنىلا دۇنيادىكى بىردىنبىر ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە.

توزىك مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى ئۈچ جەھەتتىكى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تەڭداشسىز رول ئوينىدى.

ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە توپلىغان نۇرغۇن تەجرىبىلىرى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن مۇھىم ئۆرنەك قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە. توزىك جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلىشىغا پۇرسەت يارىتىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، دېدى.

توزىك يەنە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىنى ھەمدە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېلارۇسىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى توزىكنى زىيارەت

بېلارۇسىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى توزىك جۇڭگو كومپارتىيەسى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا مول تەجرىبىگە ئىگە، خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى، ئۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان سىياسىي كۈچ،دېدى.