ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پاكىستان ئۆز جايىدا قاچىلاپ ئىشلەپچىقارغان جۇڭگو كاڭشىنو ۋاكسىنىسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-02 16:44

پاكىستان دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقاتخانىسى 1-ئىيۇن پايتەخت ئىسلامئابادتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئۆز جايىدا قاچىلاپ ئىشلەپچىقارغان جۇڭگو كاڭشىنو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. جۇڭگو كاڭشىنو بىيو پاي شىركىتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، پاكىستان دۆلەتلىك سەھىيە تەتىقىقاتخانىسى يېقىندا بىر تۈركۈم سۇيۇق ھالەتتىكى كاڭشىنو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى قاچىلاپ، جەمئىي 120 مىڭ تالدىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئىشلەپچىقاردى، بۇ پاكىستاننىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى تۇنجى قېتىم يەرلىكلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشى.

كاڭشىنو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى جۇڭگو ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھەربىي تېببىي تەتقىقات يۇرتى بىلەن كاڭشىنو شىركىتى بىرلىشىپ تەتقىق قىلغان بەز ۋىرۇسى توشۇغۇچى تەنچە ۋاكسىنىسى. بۇ ۋاكسىنا پاكىستاندا 3-باسقۇچلۇق كېلنىكىلىق سىناق قىلىنغان بولۇپ، پاكىستان بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن جىددىي ئىشلىتىدىغان 2-نۇسخىدىكى جۇڭگونىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پاكىستان ئۆز جايىدا قاچىلاپ ئىشلەپچىقارغان جۇڭگو كاڭشىنو ۋاكسىنىسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى

پاكىستان دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقاتخانىسى 1-ئىيۇن پايتەخت ئىسلامئابادتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئۆز جايىدا قاچىلاپ ئىشلەپچىقارغان جۇڭگو كاڭشىنو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.