ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە دوست ئەربابلار جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يۈز يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەببۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-29 10:11

نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە دوست ئەربابلار جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يۈز يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە دوست ئەربابلار باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا خەت ئەۋەتىپ ۋە تېلېگرامما يوللاپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغان يۈز يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە دۇنياغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كېيىنكى 100 يىللىق شانلىق يېڭى مۇساپىنى ئاچىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نېپال زۇڭتۇڭى باندارى باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو زامانىۋى، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ۋە قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندى .جۇڭگو نەچچە يۈز مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلدۇرۇپ، تارىختا مىسلىسىز ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتى، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ قۇدرەت تېپىشى، ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئىلھام بەرمەكتە.

ئەزەربەيجان يېڭى ئەزەربەيجان پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ ئەلىيېف باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ شانلىق تارىخى-جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ كۈرەش تارىخى .جۇڭگو جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەرقايسى ساھەلەردە ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو ۋە دۇنيا خەلقىگە بەخت ياراتتى.

بۇرۇندى زۇڭتۇڭى ئېندا يىشمىيېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى :ھازىرقى كەسكىن رىقابەت دەۋرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، ئۆز تەقدىرى ۋە كەلگۈسىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگونى دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغۇزدى.

ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس مۇنداق دېدى :جۇڭگو كومپارتىيەسى دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، ئوخشىمىغان تارىخىي باسقۇچتا تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ماھىر بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە غايەت زور رول ئوينىدى .جۇڭگو ئارگېنتىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال ياردەم بېرىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

بوسنىيە گېرتسېگوۋېنا مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتىك ئەربابلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، بوسنىيە گېرتسېگوۋېنا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى دودىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى :جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولدى، بۇ جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .ئۇلۇغ جۇڭگو كومپارتىيەسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىزدىنىپ، جۇڭگونى تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەن، قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىدى ھەم دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

بېلارۇسىيە زۇڭلىسى گولوفچىنكو مۇنۇلارنى بىلدۈردى :جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، مىسلىسىز مۇشەققەتلىك قەھرىمانلىق يولىنى بېسىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۈملىدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى كونترول قىلدى، ئىقتىسادنىڭ تېز ئېشىشىنى ساقلىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەم ئۆزىگە ئىشىنىدىغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ ئىپادىسى. جۇڭگونى پۇقرالارنىڭ بەخت سائادىتى ۋە ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىقنى ئاساس قىلغان زامانىۋى دۆلەت قۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ.

رۇسىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ژىرىنوۋىسكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى :جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقى جۇڭگو ۋە پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا زور ئىش. جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگونى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرىشكە يېتەكلىدى.

ھىندونېزىيە خەلق بۇرچ پارتىيەسىنىڭ باش رەئىسى زۇركىفلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاسىيا ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم تۈرتكىلىك ئامىلغا ئايلاندى، جۇڭگونىڭ قىممەتلىك تەجرىبىسى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.

بېنگال كومپارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى بارۇئا مۇنۇلارنى بىلدۈردى :جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئىش، جۇڭگو كومپارتىيەسى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىشتەك جاپالىق يولدا تارىختا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى .شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە دۇنيا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە جۇشقۇن يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

قازاقىستان "نۇرلۇق يول" دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى پېرۇئاشېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىپ، جۇڭگو ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى.

تاجىكىستان كومپارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلويېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى توغرا يۆنىلىشنى تاللاپ، دۆلەت ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ئىشلىرى جەھەتتە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى ۋە ئىلگىرىلىدى.

ماراكەش ئاساسىي قانۇن ئىتتىپاقىنىڭ باش شۇجىسى ساجىد مۇنداق دېدى: تارىخ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قەدىمىي جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخىمۇ زور تۆھپە قوشقانلىقىغا داۋاملىق گۇۋاھ بولىدۇ.

ئىراق كوردىستان كومپارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى مەھمۇد مۇنۇلارنى بىلدۈردى :جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقى-دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت كومپارتىيەلىرى، سول قانات پارتىيەلەر ۋە مۇستەقىللىق، ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بارلىق خەلقنىڭ تەبرىكلەش كۈنى بولۇپ، دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە دوست ئەربابلار جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يۈز يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى

نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە دوست ئەربابلار جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يۈز يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.