ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئافغانىستان تالىبانلىرى پەنجىشىر ئەتراپىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-08-25 17:19

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

ئافغانىستان تالىبانلىرى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقتىنى ئۇزارتسا يامان ئاقىۋەتكە قالىدۇ،دېدى. شۇ كۈنى تالىبان تەشكىلاتىمىز بىردىنبىر ئىشغال قىلىنمىغان پەنجىشىر ئۆلكىسى ئەتراپىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى، دەپ جاكارلىدى.

ئافغانىستان فاجېۋاق ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تالىباننىڭ قاتارنىڭ پايتەختى دوخادا تۇرۇشلۇق سىياسىي ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ باياناتچىسى سەيىل شاھىن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، دېگەن.

شاھىن مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا ياكى ئەنگلىيە ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈش ۋاقتىنى ئۇزارتماقچى بولسا بۇنىڭغا ياق دەپ، جاۋاب بېرىمىز ياكى ئاقىۋىتى يامان بولىدۇ، دەپ قارايمىز. ئەسكەر چېكىندۈرۈش مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشى تالىبان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىشەنمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئافغانىستاننى داۋاملىق ئىشغال قىلماقچى بولسا تالىبان بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

تالىباننىڭ باياناتچىسى زەبىھۇللا مۇجاھىد 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا: تەشكىلاتىمىزنىڭ قوراللىق كۈچلىرى بەدەخشان ئۆلكىسى، تاخار ئۆلكىسى ۋە باغرام ئۆلكىسىدىن پەنجىشىر ئۆلكىسىگە قاراپ يولغا چىقتى، دېدى.

تالىبان پايتەخت كابۇلنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئافغانىستان مەملىكەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىش فىرونتى تالىبانغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە پەنجىشىر ئۆلكىسىدە تەشكىللەنگەن. ئافغانىستان مەملىكەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىش فىرونتىنىڭ باياناتچىسى ئەلى مەسام نىزارى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى مەزكۇر فىرونتنىڭ پەنجىشىرنى قوغداش ئۇرۇشىغا تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تالىبان بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

8-ئاينىڭ 22-كۈنى ئافغانىستان مىللىي يارىشىش ئالىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا بىلەن سابىق زۇڭتۇڭ كارزايى كابۇلدا پەنجىشىر ئۆلكىسىدىكى مۇھىم سىياسىي ئەربابلار بىلەن پەنجىشىر مەسىلىسىنى تىنچ يول ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈستىدە كېڭەشتى.

تالىباننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى خېلىل راخمان خاقانى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى پاكىستان جىئو ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: تالىباننىڭ ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى ۋە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى سالىھقا دۈشمەنلىك غەرىزى يوق، ئەگەر ئۇلار خالىسا ئافغانىستانغا قايتسا بولىدۇ، دېدى. خاقانى يەنە ئافغانىستان پۇقرالىرىنى ئافغانىستاندىن قېچىپ كەتمەسلىككە دەۋەت قىلدى. ئۇ بارلىق ئافغانىستانلىقلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ئۇلار ئافغانىستانغا قايتسا بولىدۇ، دېدى.

خاقانى ئامېرىكا بىلەن بولغان ئۇرۇش ئۈستىدە توختالغاندا: ئامېرىكا ئافغانىستانلىقلارنىڭ ماكانىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەچكە تالىبان قولىغا قورال ئېلىپ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشنى قارار قىلدى، دېدى.






中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئافغانىستان تالىبانلىرى پەنجىشىر ئەتراپىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى

ئافغانىستان تالىبانلىرى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقتىنى ئۇزارتسا يامان ئاقىۋەتكە قالىدۇ،دېدى