ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سۇرىنام زۇڭتۇڭى جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-08-25 17:20

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

8-ئاينىڭ 23-كۈنى سۇرىنام زۇڭتۇڭى چەن سانتوكخى: سۇرىنام ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشتە جۇڭگو مەبلىغىگە تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياجلىق، جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمىز، دېدى.

چەن سانتوكخى جۇڭگونىڭ سۇرىنامدا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى خەن جىڭ سۇنغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلغاندا سۇرىنامنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سۇرىنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان سۇرىنام-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرگە ئىجابىي باھا بېرىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ.

خەن جىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو سۇرىنامنى كارىب دېڭىزى رايونىدىكى مۇھىم ھەمراھى دەپ قارايدۇ، جۇڭگو بىلەن سۇرىنام چوڭ-كىچىك دۆلەتلەر باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىشىنىڭ ئۈلگىسى. ھازىر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ياخشى راۋاجلانماقتا. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن سۇرنام ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىدۇ. 




中央广播电视总台 央广网 版权所有

سۇرىنام زۇڭتۇڭى جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

8-ئاينىڭ 23-كۈنى سۇرىنام زۇڭتۇڭى چەن سانتوكخى: سۇرىنام ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشتە جۇڭگو مەبلىغىگە تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياجلىق،