ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا دوكلات قىلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن قازا قىلغان تۇنجى بىمارنىڭ يۇقۇملىنىش ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-08-25 17:25

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دوكلات قىلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن قازا قىلغان تۇنجى بىمارنىڭ يۇقۇملىنىش ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلگەن.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن قازا قىلغان بىر بىمار 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتە ئارىلىقىدا بايقالغان.
بۇ ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ ۋە يەرلىك سەھىيە تارماقلىرى دوكلات قىلغان تۇنجى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن قازا قىلغان بىمارنىڭ ۋاقتىغا قارىغاندا بالدۇر.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن قازا قىلغان تۇنجى بىمارنى دوكلات قىلغان.

كالىفورنىيە ئىشتاتى سانتا كىلارا ناھىيەلىك سەھىيە تارماقلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئەڭ بالدۇر قازا قىلغان بىر بىمار ھەققىدىكى دوكلات 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلىنغان ئىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا دوكلات قىلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن قازا قىلغان تۇنجى بىمارنىڭ يۇقۇملىنىش ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلدى

ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دوكلات قىلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن