ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ۋەكىلى: ئافغانىستان مەسىلىسىنىڭ ئۆزگىرىشى سىرتنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-08 15:54

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى دەي بىڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قوغداش» تېمىسىدىكى ئاشكارا يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئافغانىستان مەسىلىسىنىڭ يېقىنقى ئۆزگىرىشى سىرتنىڭ ھەربىي ئارىلىشىش، «دېموكراتىك ئۆزگەرتىش» لايىھەسىنى زورلاپ تېڭىشنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ زىددىيەت پەيدا قىلىپ،مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

دەي بىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستاندىن ئالدىراپ ـ تېنەپ تەرتىپسىز ئەسكەر چېكىندۈرۈشى كابولنى قالايمىقانچىلىق ۋە داۋالغۇش ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، زور ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئافغانىستان خەلقىگە كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى قالدۇرۇپ قويدى. جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەرنى ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقىنى قايتىدىن بەرپا قىلىشقا بەرگەن ۋەدىسىنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا، مەسئۇلىيەتنى ئافغانىستاننىڭ قوشنا دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىتتىرىپ قويماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ.

دەي بىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنى ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى. 50يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىزچىل تۈردە كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ ھەقىقىي قوللىغۇچىسى، ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكۈچىسى بولۇپ، خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قوغداش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىشەنچىسى ۋە ئىقتىدارى بار. 








中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ۋەكىلى: ئافغانىستان مەسىلىسىنىڭ ئۆزگىرىشى سىرتنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى دەي بىڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ