ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى ئوغرىلىق ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئۈچ كىشىنىڭ رۇسىيەدىن كېتىشنى قارار قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-11 15:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زاخاروۋا 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى ئوغرىلىق ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئۈچ كىشىنىڭ رۇسىيەدىن كېتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە ئامېرىكىدىن ئۈچ كىشىنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىن كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىپ، ئۇلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئەگەر ئامېرىكا رەت قىلسا، بۇ ئۈچ كىشىنىڭ رۇسىيەدىن دەرھال چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيە قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگىنى ئۈچ كىشىنىڭ ئوغرىلىغان سومكىنى ئېلىپ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرگەنلىك ۋىدېيوسىنى ئېلان قىلدى، بىراق رۇسىيە ئوغرىلىق ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلمىدى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى ئوغرىلىق ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئۈچ كىشىنىڭ رۇسىيەدىن كېتىشنى قارار قىلدى