قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتتى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئاخبارات ئىدارىسى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى Japarov سادىر جاپپاروف شۇ كۈنى پەرمان ئىمزالاپ، ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.
بۇ پەرمانغا ئاساسەن، جاپپاروف ھۆكۈمەت زۇڭلىسىMaripov مارىپوۋنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى ھەمدە ئاكېربېك جاپپاروفنى مۇۋەققەت زۇڭلىلىققا تەيىنلىدى. جاپپاروف ئىلگىرى مۇئاۋىن زۇڭلى بولغان.باشقا ھۆكۈمەت ئەزالىرىمۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. ھازىر يېڭى ھۆكۈمەت خادىملىرىنى تەشكىللەش لايىھەسى قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلدى.