ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى: ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىشى توغرىسىدىكى مۇزاكىرىسىگە قەتئىي قارشى تۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-26 17:31

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ۋەكىللەر يىغىنى ئېچىپ، تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى ۋە قەتئىي قارشى تۇردى، ئامېرىكىغا كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جۇڭگو ئامېرىكىنى بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو - ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىغا ئەمەل قىلىپ، تەيۋەن دائىرىلىرى بىلەن بولغان بېرىش -كېلىشنى توختىتىپ، مەسئۇلىيەتسىز سۆز - ھەرىكەتلەرنى توختىتىپ، ھەر قانداق شەكىل بىلەن « تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بەرمەسلىككە، تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بوشلۇقىنى كېڭەيتىشىگە يول قويماسلىققا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى: ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىشى توغرىسىدىكى مۇزاكىرىسىگە قەتئىي قارشى تۇردى

شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرى