ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن دۆلەت باشلىقلىرى يولۋاس يىلىدىكى چاغاننى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:帕提古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-02-02 10:36

 جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالىندارى بويىچە يولۋاس يىلىدىكى چاغان يېتىپ كەلگەن پەيتتە، نۇرغۇن دۆلەت باشلىقلىرى گۈزەل چاغانلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

 ئېكۋادور زۇڭتۇڭى راسو مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يېڭى بىر يىلدا تۈرلۈك نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تىلەكداشمەن، مەن رەئىس شى جىنپىڭ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنى تەبرىكلەيمەن ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيمەن، يولۋاس كۈچ ۋە جاسارەتكە سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، يېڭى بىر يىلدا تىنچلىق، بەخت، ساغلاملىق ۋە گۈللىنىش ئېلىپ كېلىدۇ. يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، بايلىق ئامەت يار بولسۇن.

 چېخ زۇڭتۇڭى زېمان مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك جۇڭگولۇق دوستلار، جۇڭگونىڭ چاغىنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، مەن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگولۇق دوستلارنىڭ يېڭى يىلىنىڭ خوشال خورام ئۆتىشىنى، ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن».

 زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۋا مۇنداق دېدى: «مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەيمەن، مەن زىمبابۋې خەلقىگە ۋاكالىتەن سىلەرنىڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى، بايرىمىڭلارنىڭ خوشال خورام ئۆتىشىنى، بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشىنى تىلەيمەن».



 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نۇرغۇن دۆلەت باشلىقلىرى يولۋاس يىلىدىكى چاغاننى تەبرىكلىدى

جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالىندارى بويىچە يولۋاس يىلىدىكى چاغان يېتىپ كەلگەن پەيتتە، نۇرغۇن دۆلەت باشلىقلىرى گۈزەل چاغانلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.