ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن چەتئەللىك سىياسىي ئەربابلار جۇڭگونىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:阿曼古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-02-04 10:05

بىر قانچە كۈندىن بۇيان، نۇرغۇن چەتئەللىك سىياسىي ئەربابلار يولۋاس يىلىدىكى چاغانلىق سالىمىنى يەتكۈزۈپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

 ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى ئالبېرتو فېرنەندىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يەردە مەن جۇڭگو خەلقىگە قىزغىن، سەمىمىي سالام يوللايمەن، ئەڭ ياخشى يېڭى يىللىق تىلەكلەرنى تىلەيمەن. مەن بېيجىڭغا بېرىپ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىمەن، ئارگېنتىنا بىلەن جۇڭگو پات ئارىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ، بۇ قېتىمقى جۇڭگودىكى زىيارىتىم ئارگېنتىنا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ۋاستە بولۇپ قالىدۇ، مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېڭى يىلىنى مۇبارەكلەشكە تەقەززارمەن.

 تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردى مۇھەممەدوف مۇنداق دېدى: مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يېڭى بىر يىلدا، جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئىچكى تاشقى سىياسىتى چوقۇم دۆلىتىڭلارغا يېڭى مۇۋەپپەقىيەت ۋە غەلىبە ئېلىپ كېلىدۇ، مەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش تەكلىپنى مىننەتدارلىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن. ئىشىنىمەنكى، مەيلى تەشكىللەش جەھەتتە بولسۇن ياكى تەنتەربىيە ماھارىتى جەھەتتە بولسۇن، بۇ بىر مەيدان ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقە بولىدۇ.

 گىرېتسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گېئورگى ئىلىئوپولوس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلانغان جاي گىرېتسىيەدىن كەلگەن ئولىمپىك ئوتى بېيجىڭدا ئىككىنچى قېتىم يانىدۇ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئوخشىمىغان دۆلەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 رۇسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېنىسوف مۇنداق دېدى: ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەقىقىي تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يەر شارىدىكى كاتتا ئىش بولۇپ قالىدىغانلىقىدا گۇمان يوق، جۇڭگونىڭ بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆتكۈزۈدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

 ئۇرۇگۋاينىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فېرناندو لۇگرىس مۇنداق دېدى: بېيجىڭ تارىختىكى تۇنجى «قوش ئولىمپىك شەھىرى».

 زامانىمىزدىكى جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىزگە بىر نۆۋەتلىك ئىللىقلىققا تولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ.



 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نۇرغۇن چەتئەللىك سىياسىي ئەربابلار جۇڭگونىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى

بىر قانچە كۈندىن بۇيان، نۇرغۇن چەتئەللىك سىياسىي ئەربابلار يولۋاس يىلىدىكى چاغانلىق سالىمىنى يەتكۈزۈپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.