ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:巴哈提亚尔|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-02-05 12:36

76-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا ساھىد 2-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ يازما زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

 ئابدۇللا ساھىد خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 2-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.

 ساھىد مۇنداق دېدى: «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېنىقسىزلىق ئالدىدا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئىنسانىيەتنىڭ ئېلاستىكىلىقى، ئىتتىپاقلىقى ۋە بەختكە بولغان ئىنتىلىشىنى نامايان قىلىشقا پايدىلىق، ئۇ جۇغراپىيەلىك سىياسىيدىن ھالقىپ، يەر شارىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم پۇرسەت».

 ئابدۇللا ساھىد مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەنتەربىيە سۆزلىشىش ۋە دىپلوماتىيە، يارىشىش ۋە گۈللىنىش، ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىش سۇپىسى.

 «تەنتەربىيە كىشىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ، ياش، جىنس، ئىرىق، يۇرت، دىنىي ئېتىقاد ياكى سىياسىي مەيدان ئايرىمايدۇ.»

 ئولىمپىك مۇسابىقىسىدەك بۇنداق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى «ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ھالقىپ، ئالاقە كۆۋرىكى بەرپا قىلىدۇ».

 خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇلتۇر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزىدىن كېيىن «تېخىمۇ ئىتتىپاق» دېگەن سۆزنىمۇ قوشۇشنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى.

 بۇنىڭغا قارىتا، ساھىد مۇنداق دېدى: «تېخىمۇ ئىتتىپاق» دېگەن سۆز بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى: خەلقارا جەمىيەت ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك، دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمى ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدا تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش كېرەك، ئىتتىپاقلىق بولمىسا تىنچلىق بولمايدۇ.

 مەن خەلقارا جەمىيەتنىڭ ئىختىلاپنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئورتاق نىشان ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىنى، بىرلىكتە ئولىمپىكىزىمنى نامايەن قىلىشىنى، دۇنياغا تەنتەربىيەنىڭ ئىناق جەمىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك قورال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى مۇراجەت قىلىمەن.

 ساھىد بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يېشىل ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى، بولۇپمۇ دۆلەت تېز مۇز تېيىلىش سارىيى «مۇز لېنتا» دا كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىد كىرىتىك ھالەتتىن ھالقىغان بىۋاسىتە سوۋۇتۇش سىستېمىسىنى ئىشلەتكەنلىكى، شۇنداقلا نۇرغۇن مۇسابىقە مەيدان-سارايلىرىنىڭ يېشىل ئېنېرگىيەنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغانلىقى توغرىسىدا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئۇ يەنە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە قوللانغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتتىق تەدبىرلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

 ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن قىلغان تەييارلىق خىزمەتلىرىگە ئاپىرىن ئېيتىمەن.»

 ساھىد شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگو رەھبەرلىرى ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسىنى يۈكسەك ماختىدى ۋە قوللىدى.

 ئۇ مۇنداق دېدى: «دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا تەرەققىياتىنى تەڭپۇڭ، ماس ۋە سىغدۇرۇشچان ئېشىشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

 خەلقارا جەمىيەت چوقۇم يەر شارى ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ يېشىل ۋە تېخىمۇ تەڭپۇڭ يەر شارى تەرەققىياتىغا ئىنتىلىشى كېرەك.

 زىيارەت جەريانىدا، ساھىد جۇڭگو خەلقىگە چاغانلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

 «مەن بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ يولۋاس يىلىدا ئامان - ئېسەن، ساغلام، باي-باياشات بولۇشىنى تىلەيمەن!»



 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ

76-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا ساھىد 2-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ يازما زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.