ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپ دۆلەت ئەربابلىرى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئالقىشلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-02-10 12:18

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كۆپ دۆلەتنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر، تەنھەرىكەتچىلەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك ئەسلىھەلىرى ۋە مۇسابىقە تەشكىللەش خىزمىتىگە ئىجابىي باھا بېرىپ، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئالقىشلىدى. تايلاندنىڭ ساياھەت ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى پىپا بېيجىڭدىن قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ باڭكوكقا قايتىپ كەلگىنىگە ئۇزۇن بولمىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەيلى باشلىنىش مۇراسىمى بولسۇن ياكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەيدان سارايلىرى بولسۇن ماختاشقا ئەرزىيدۇ. پىپا مۇنداق دېدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى قالتىس ئۆتكۈزۈلدى، نۇرغۇن يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئامىللىرى بار، بۇنىڭغا يەنە مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەن. ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بىزگە شارپا، شەپكە قاتارلىق سوغۇقتىن ساقلىنىش بۇيۇملىرىنى تەييارلاپتۇ، مۇلازىمىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، بىزگە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى. مەن يەنە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مەشىق مەيدانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇسىدىن مەشىق مەيدانىغىچە مەخسۇس يول بار ئىكەن. بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى مۇكەممەل بوپتۇ، باشقا خەلقئارا مۇسابىقە ئۆتكۈزىدىغان دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولدى.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان چەتئەللىك تەنھەرىكەتچىلەرمۇ مەيدان-ساراي ۋە مۇسابىقە تەشكىلاتلىرىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. قازاقىستاننىڭ قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى ئارىغالىيېف مۇنداق دېدى: تېز تېيىلىش سارىيىنىڭ مۇز يۈزى ناھايىتى ياخشى، تېيىلسا ناھايىتى تېز، ئاسرىلىشىمۇ ناھايىتى ياخشى. مەن بۇ قېتىمقى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئىپادەمنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

رۇسىيە تاسىس ئاگېنتلىقى رۇسىيەنىڭ قىشلىق ئىككى تۈر تەنھەرىكەتچىسى لوجىنوفنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش تەسىراتىنى خەۋەر قىلدى. لوجىنوف مۇنداق دېدى: «ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بەك قالتىس ئىكەن، يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن بايرام كەيپىياتى ياراتتى. بۇ خىل تۇيغۇ بەك ياخشى!.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆپ دۆلەت ئەربابلىرى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئالقىشلىدى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كۆپ دۆلەتنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر، تەنھەرىكەتچىلەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك