جۇڭگو ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاڭ جۈن 2-ئاينىڭ 23-كۈنى 76-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىدا ئۇكرائىنانىڭ ئالاقىدار مەسىلىلىرىگە قاراپ چىققاندا سۆز قىلىپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتتىن ساقلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە رېئال ئامىلغا ئىگە ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدى، ھازىرغىچە بولغان ئۆزگىرىش بىر قاتار ئامىللارنىڭ ئورتاق رول ئوينىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
جاڭ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەرنى خەۋپسىزلىكنىڭ بىر پۈتۈنلۈك پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، سۆزلىشىش، كېڭىشىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، باراۋەر ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، تىنچ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە مۇراجىئەت قىلىدۇ. جۇڭگو دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا