تۈركىيە ۋە ئۇكرائىنا رەھبەرلىرى تېلېفونلاشتى
تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
تۈركىيە زۇڭتۇڭ ئىشخانىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەردوئان تېلېفونلاشقاندا، ئۇكرائىنانىڭ مارىئۇپولدىن يارىدارلار ۋە پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، تۈركىيە كېپىل دۆلەت مەسىلىسىگە قارىتا پىرىنسىپ جەھەتتە ئىجابىي مەيداندا تۇرىدۇ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە چامىنىڭ يېتىشىچە ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ دېدى. زېلېنسكى شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، مەن ئەردوئان بىلەن ئۇكرائىنا-رۇسىيە سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ئۇكرائىنا بىلەن تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك كاپالىتىنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلدىم دېدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا