ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى كۆپ جايدا مەغلۇپ قىلدۇق، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-07-19 16:27

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويىگۇ 7-ئاينىڭ 18-كۈنى رۇسىيە ئارمىيەسىگە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى قوراللار بىلەن دۈشمەننىڭ يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ۋە زەمبىرەكلىرىگە زەربە بېرىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بۇ قوراللارنى ئىشلىتىپ پۇقرالار ۋە بۇغدايلىق، ئاشلىق ئامبىرى قاتارلىق پۇقراۋىي ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوف 7-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنادىكى ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئېنىق ۋاقىت رامكىسى يوق، ئۇ بارلىق نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ.

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئارمىيەسى لۇگانسىك قوراللىق كۈچلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا دونېتسىك رايونىدىكى سېۋېرسكنى كونترول قىلغان، ھازىر جەڭ سېۋېرسك شەھەر ئەتراپى رايونىدا بولۇۋېتىپتۇ.

ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىمى باش ئىشتابىنىڭ 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاشكارىلىشىچە، شۇ كۈنى ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى توقۇنۇش يەنىلا داۋاملاشقان. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى دونېتسىك، باخمۇت يۆنىلىشى ۋە كامېنكا، يېڭى مىخايلوۋكا قاتارلىق جايلاردا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ياردەمچىسى ئۇشاكوف 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان ئىراندا ئۇكرائىنانىڭ ئاشلىق ئېكسپورت قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، دېدى.

تەرجىمان:بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى كۆپ جايدا مەغلۇپ قىلدۇق، دېدى

ئۇكرائىنادىكى ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئېنىق ۋاقىت رامكىسى يوق، ئۇ بارلىق نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ.