ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى كوللېن كىللاپېرنى زىيارەت

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-07-20 14:42

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى، بوتسىۋانانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق  ۋەكىلى كوللېن كىللاپېر يېقىندا جۇڭگو مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: يەر شارىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە رايون توقۇنىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە نامرات ئاھالە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا، ئالاقىدار دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىسىدىن ئۆگىنىشى ۋە ئۇنى ئەينەك قىلىشى كېرەك، دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2022-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سىياسىي مۇنبىرى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا ئاياغلاشتى. كوللېن كىللاپېر يىغىن ئارىلىقىدا مۇخبىرلارنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: نامراتلىق مەسىلىسى «ھەممىلا يەردە بار». بىراق جۇڭگونىڭ نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە توپلىغان ئىلغار تەجرىبىلىرى «بىرنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ». نامراتلىقنى تۈگىتىش ھەممە كىشى كۈرەش قىلىشقا تېگىشلىك نىشان، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنىڭ باش نىشانى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ھېكايىلىرىنى ئاڭلاش ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىغا زور دەرىجىدە ئىلھام بولىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلغان «2022-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانى دوكلاتى»دىن ئايان بولۇشىچە، 2020-يىلى يەر شارىدا 93 مىليون ئىنتايىن نامرات نوپۇس كۆپەيگەن.

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، جۇڭگو رەھبىرى مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلدۇق، جۇڭگو كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىش مۈشكۈل ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولدى، دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان جۇڭگو كۆك نامراتلىقنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىنى 10 يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەر شارىنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى، ئالغا بېسىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. كوللېن كىللاپېر جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك مىساللىرى بۇ نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە ئىلھام بولدى. نۆۋەتتە نامراتلىق مەسىلىسى ئىنتايىن گەۋدىلىك، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كىرىزىس ۋە خىرىس مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان كىشىنى تېخىمۇ ئېغىر نامرات ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇ جەھەتتە جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسىنى ئەينەك قىلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.

تەرجىمان:قۇرباننىسا جاپپار
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى كوللېن كىللاپېرنى زىيارەت

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلغان «2022-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانى دوكلاتى»دىن ئايان بولۇشىچە، 2020-يىلى يەر شارىدا 93 مىليون ئىنتايىن نامرات نوپۇس كۆپەيگەن.