ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە يادرو ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى ئۇكرائىنادا ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ بارلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-03 15:24

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى يادرو ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: رۇسىيە يەر شارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى قوغداشنى قوللايدۇ، يادرو ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇشقا قەتئىي، داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ. يادرو قورالى پەقەت مۇداپىئەگە ئىشلىتىلىدۇ.

رۇسىيە پەقەت كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ياكى ئادەتتىكى قوراللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا يادرو قورالى ئىشلىتىدۇ. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، ئالدى بىلەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىش- يادرو چوڭ دۆلەتلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى يېقىندا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان رومىنىيە چېگراسى ئىچىگە ئورۇنلاشقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى يېقىندا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا كىرگەنلىكىنى دەلىللىگەن. بۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ ئۇكرائىنادا ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ بارلىقىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي ئېتىراپ قىلىشى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە يادرو ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى ئۇكرائىنادا ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ بارلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى يادرو ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.