ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«كېسەك ئالتۇن+» ھەمكارلىقنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-07 11:42

دۇنيا ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۈزلۈكسىز يېڭى قان يەتكۈزۈۋاتقان، ئاكتىپ قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلەۋاتقان كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىق مېخانىزمى ھەم دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى ھەم خەلقئارا تەرتىپ ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشىدۇ.
يېقىندا، يەنە بەزى دۆلەتلەر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ «دوستلار توپى»غا «دوستلۇق ئىلتىماسى» سۇندى: يەنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھ ۋارىسى سالمان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمىغا كىرىش ئارزۇسىنى ئاشكارا بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئوخشاشلا رايون چوڭ دۆلىتى بولغان ھىندونېزىيەمۇ يېقىندا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمىغا كىرىش ئارزۇسىنى رەسمىي بىلدۈردى. ھىندونېزىيەنىڭ رۇسىيەدىكى باش ئەلچىسى تاۋارىس كېسەك ئالتۇن مېخانىزمى بىر قاتار ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولۇپ، ھىندونېزىيەگە نىسبەتەن «ئىنتايىن جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە» دېدى.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى نېمە ئۈچۈن غايەت زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە؟
ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىي ھەمكارلىق مېخانىزمى بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىنى يېتەكچى قىلغان، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى، خەۋپسىزلىك ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىق رامكىسى شەكىللەندى. جەنۇبىي ئافرىقا 2010-يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا كىرگەندىن بۇيان، بەش كېسەك ئالتۇن دۆلىتى كۆپ خىل ئەمەلىي ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، سىياسىي خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد-سودا، مالىيە ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ چاقلىق قوزغىتىش ھەمكارلىق رامكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، زىچ، ئەمەلىي، سىغدۇرۇشچان يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، خەلقئارا سەھنىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىجابىي كۈچكە ئايلاندى.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقنى رەسمىي باشلىغان 16 يىلدىن بۇيان، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ نوپۇسى يەر شارى نوپۇسىنىڭ %40 تىن كۆپرەكىنى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى يەر شارىنىڭ %23 نى، سودا ئومۇمىي سوممىسى يەر شارىنىڭ %18 نى، جەلپ قىلغان چەتئەل مەبلىغى يەر شارىنىڭ %25 نى ئىگىلەپ، يەر شارى ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان گۈللەنمە كۈچكە ئايلاندى. 2021-يىلى يېڭى تەرەققىيات بانكىسى تۇنجى تۈركۈمدە ئەزا كۆپەيتىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، بانكىنىڭ مەڭگۈلۈك باش ئورگان بىناسى شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىدا رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىندى. بۇ يىل جۇڭگو فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرىدە «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىن سېتىۋېلىش» ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئالاھىدە تاۋارلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر سىناق قىلىنىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى نامراتلىقنى ئازايتىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەم ۋاكسىنا، تەرەققىياتقا مەبلەغ توپلاش، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يېشىل تەرەققىيات، سانائەتلەشتۈرۈش، رەقەملىك ئىقتىساد، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. خۇددى مىسىر «ئەلئېھرام گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا ئېيتىلغاندەك: «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى-يەر شارى ئىقتىسادىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم كۈچ».

بۈگۈنكى كۈندە، «كېسەك ئالتۇن+»-كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ جەلپكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. 2017-يىللىق شيامېن ئۇچرىشىشىدا، جۇڭگو «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» ھەمكارلىق ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەش يىلدىن بۇيان، «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ ۋە كېڭىيىپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش، بىرلىشىپ ئۆزىنى كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. 2022-يىلى 5-ئايدا، «كېسەك ئالتۇن +» ھەمكارلىق ئەندىزىسىنىڭ مۇددىئا دۆلەتلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئارگېنتىنا، مىسىر، ھىندونېزىيە، قازاقىستان، نىگېرىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستانى، سېنېگال، تايلاندنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى تۇنجى قېتىم تەكلىپكە بىنائەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ تور يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندا ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەزا كۆپەيتىش مۇساپىسىنى كېڭەيتىشىنى يەنىمۇ مۇزاكىرە قىلىشنى قوللايدىغانلىقى جاكارلىنىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش داۋاملىق مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى.

جۇڭگو-كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ 2022-يىللىق رەئىسى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش تەشەببۇسى، سودىغا مەبلەغ سېلىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، تاموژنا ھەمكارلىقى ۋە مەمۇرىي جەھەتتە ئۆزئارا ياردەم بېرىش كېلىشىمى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسىنى ماقۇللىدى، تۇنجى قېتىم كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئاچتى، ساياھەت مىنىستىرلىرى يىغىنى، ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىرى يىغىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 130 مەيدانغا يېقىن يىغىن ۋە پائالىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو ئۇيۇشتۇرغان 20 نەچچە مەيدان «كېسەك ئالتۇن +» پائالىيىتى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىغا مۇۋاپىق شەكىلدە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدى، «كېسەك ئالتۇن +» ھەمكارلىق ئەندىزىسى گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى يېڭى ھەمكارلىق سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بېكىنمە كۇلۇب ئەمەس شۇنداقلا باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان «كىچىك گۇرۇھ»مۇ ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان چوڭ ئائىلە، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلار. دۇنيا ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۈزلۈكسىز يېڭى قان يەتكۈزۈۋاتقان، ئاكتىپ قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلەۋاتقان كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىق مېخانىزمى ھەم دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى ھەم خەلقئارا تەرتىپ ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«كېسەك ئالتۇن+» ھەمكارلىقنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

دۇنيا ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۈزلۈكسىز يېڭى قان يەتكۈزۈۋاتقان، ئاكتىپ قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلەۋاتقان كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىق مېخانىزمى ھەم دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى